بىر ئايال تەركىبىدە زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا بار بولغان ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتىنى قانۇنسىز سېتىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
12:30:14 2024-09-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سوت نەق مەيدانى. ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ئەنچى فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو يۈچياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ خېتيەن) 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۇ Xنىڭ يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيا ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك سېتىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۇ Xكە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى ھەم 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

 2018- يىلى 11- ئايدىن 2021- يىلى 12- ئايغىچە، گۇ X ۋېيشىندىكى دوستى «جېن ھەدە»دىن شىبۇچۈمىڭ قوشۇلغان ئورۇقلىتىش كاپسۇلىنى ھەر بىر تېلىنى 1.65 يۈەنلىك باھادا سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە ھەر بىر قېپىنى 115 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولغان باھادا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە، قاراماي شەھىرىگە ساتتى. دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر، سېتىش سوممىسى 98 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

 گۇڭئەن ئورگانلىرى ئورۇقلىتىش كاپسۇلىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئورۇقلىتىش كاپسۇلىدا شىبۇچۈمىڭ تەركىبىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. شىبۇچۈمىڭ ئىلگىرى ئورۇقلىتىش دورىسىغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولغاچقا ئىشلىتىشتىن توختىتىلغانىدى. 2010- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى شىبۇچۈمىڭ دورىسى ۋە خام ئەشيا دورىسىنى دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى توختاتتى، بازارغا سېلىنىپ سېتىلغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قايتۇرۇپ كېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە مەسئۇل بولدى.

 بۇ دېلوغا چېتىلىدىغان ئىستېمالچى كۆپ، زىيان چوڭ بولغاچقا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەق تەلەپ قىسمى سوتتا مۇرەسسە قىلىندى، جاۋابكار گۇ X گېزىتتە ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى ھەم قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئاممىۋى مەنپەئەت تۆلەم پۇلى تۆلىدى. 

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار گۇ X يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيا ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىكنى ساتقان، سېتىش سوممىسى 98 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۇنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 144- ماددىسىدىكى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكلەرگە يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيانى ئارىلاشتۇرۇپ ياكى يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيا ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 141- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

 سوتچىنىڭ ئەسكەرتىشى

 ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا، ئىستېمالچىلار مۇنتىزىم يولنى تاللىشى، مەھسۇلاتنىڭ دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، قارىغۇلارچە تېز ئورۇقلاشنى قوغلىشىپ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. سودىگەرلەر چوقۇم ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارماسلىقى، ساتماسلىقى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125