ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شياڭ ياچى
توردىن دورا سېتىۋالغاندا، قانداق تاللىسا ئىشەنچلىك بولىدۇ؟ دورا سېتىۋالغاندا قايتۇرۇشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دېگەنلىك زومىگەر ماددا ھېسابلىنامدۇ؟ 9- ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى بولسا مەملىكەتلىك دورا بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، ئادۋوكات ليۇ لىجۈەن ئاممىنىڭ دورا سېتىۋېلىش جەريانىدا دائىم ئۇچرايدىغان مەسىلىلىرىگە بىر- بىرلەپ جاۋاب بەردى.
دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋالغان دورا بەك قىممەت بولسا ئەرز قىلسا بولامدۇ؟
ليۇ لىجۈەن: ئەگەر دورا دۇكانلىرىدىكى دورا باھاسىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكى ياكى باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قىلمىشلارنى بايقالسا، شۇ جايدىكى مال باھا تارماقلىرى ياكى دورا نازارەتچىلىكى، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق تارماقلارغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.
دورا سېتىش كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ دورا باھاسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى ھەم دورىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئېنىق كۆرسىتىشى، ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئېلىش، باھانى مونوپول قىلىش ۋە باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.
گەرچە دورىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر تۇتاش پارچە سېتىلىش باھاسى بولمىسىمۇ، ئەگەر سېتىلىش باھاسى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىن ئېشىپ كەتمىسە، باھا جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك ئۆز ئالدىغا تاللاش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. بىز سېتىۋېلىش ياكى سودىلىشىش جەريانىدا كۆپ ئورۇننى سېلىشتۇرۇش، باھانى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، توردىكى باھا بىلەن ئەمەلىي دۇكاندىكى باھانى سېلىشتۇرۇپ ھەم دوختۇرخانىدىكى سېتىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، زىيان تارتىپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئومۇمەن، دورا دۇكانلىرى باھانى ئېنىق يازغان، زورلاپ ساتمىغان، مەجبۇرلىنىپ سېتىۋالمىغان بولسىلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا باھاسى ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسىلا، بۇ قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)