قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مومامنىڭ يەرلىك تۇخۇمى
14:00:42 2024-09-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شۈ جۈلىن

 مومام پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھويلىنىڭ بىر چېتىدە بىر نەچچە توخۇ باقتى. ھەر يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، مومام ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئۆيدە باققان بىر مېكىيان ۋە بىر سېۋەت يەرلىك تۇخۇمنى ماڭا ئەكىلىپ بېرەتتى. سېۋەتنى ئالغىچە، قولۇم مومامنىڭ يىرىك ھەم ئىللىق قولىغا تېگىشكىنىدە، بىر خىل ئىللىق ئېقىم خاتىرەمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يېتىپ باراتتى... 

 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، مومامنىڭ ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى ئۈچ مىنۇتلۇقلا كېلەتتى، مەن ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن مومامنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن، مومام ماڭا تۇخۇم پىشۇرۇپ بېرەتتى، كەچ سائەت 10دا كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ كەلگىنىمدە، مومام تۇخۇم ئۈگرىسى ئېتىپ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا ئۆگىنىش ۋەزىپەم ئېغىر بولغاچقا، مەن دائىم ئۆيدىن سەھەر چىقىپ كەچ قايتاتتىم، مومامنىڭ ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن مۇنداق بىر ئېغىز گېپى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «ھازىر دەل كاللا ئىشلىتىدىغان ۋاقتىڭ، چوقۇم ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىشىڭ كېرەك، بۇ يەرلىك تۇخۇم، سىرتتىن سېتىۋالغان تۇخۇمدىن قۇۋۋەتلىك!» ئۇ چاغدا، مومامنىڭ يەرلىك تۇخۇمى مۇھەببەتنىڭ تەمى ئىدى. 

 ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مومامنىڭ ئۆيىدىن ئاپتوموبىل بېكىتىگە بېرىشقا پەقەت يەتتە مىنۇتلا ۋاقىت كېتەتتى، شۇڭا مومامنىڭ ئۆيى مېنىڭ سىرتتا ئوقۇشۇم ۋە ئۆيگە قايتىشىمدىكى ئۆتەڭ بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم  مەكتەپكە ماڭغىنىمدا، مومام دائىم بىر خالتا پىشۇرۇلغان يەرلىك تۇخۇمنى ماڭا تۇتقۇزۇپ، مەكتەپكە ئاپىرىپ يېيىشىمنى، ياتاقداشلىرىمغىمۇ بۆلۈپ بېرىشىمنى ئېيتاتتى. تەتىلگە چىقىپ قايتىپ كېلىپ، مومامنىڭ ئۆيىدىن ئۆتكىنىمدە، مومام ماڭا بىر قاچا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى پىشۇرۇپ بېرىپ، مەن بىلەن مەكتەپتىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى ھەمدە ماڭا بۇنى ئۆيدە تارتقان پۇرچاق يېغىدا پىشۇرغانلىقىنى، سىرتتا بۇنداق تەمدىكى تۇخۇم ئۇيۇتمىسىنى يېيەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتاتتى. ئۇ چاغدا، مومامنىڭ يەرلىك تۇخۇمى ئۆينىڭ پۇرىقى ئىدى.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەرگە ئىمتىھان بەرگىلى ماڭغىنىمدا، مەن يەنىلا ئادەتلەنگىنىم بويىچە مومامنىڭ ئۆيىدىن ئۆتەتتىم، مومام ئىككى دانە يەرلىك تۇخۇم پىشۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە يېيىشىمنى ئېيتاتتى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «يەنە بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ۋە بىر پىلتە قۇيماق سېتىۋالساڭ 100 نومۇرغا توشىدۇ، بۇ قېتىم چوقۇم ئامەت كېلىدۇ»، دەيتتى. مەن ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېلەتتىم، مومام ئوچاق ئالدىدا مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ، سۇ قاينىتىپ سۇغا چېقىپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم (خېباۋدەن) پىشۇراتتى، پىياز كۆكى چېچىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ 13 يېشىدىن باشلاپ ئىلىم ئۆگەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. گەرچە مومام قايتا- قايتا سۆزلىگەن، مەنمۇ قايتا- قايتا ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا مومامنىڭ سۇغا چېقىپ پىشۇرغان تۇخۇمىنى ئۇنىڭ ھېكايىسى بىلەن بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئۇ چاغدا، مومامنىڭ يەرلىك تۇخۇمىنىڭ تەمى ئىلھام ئىدى. 

 كېيىن مەن توي قىلىپ بالىلىق بولدۇم، مومامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان قېتىم سانىم بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، تاللا بازىرىدىن ھەر خىل يەرلىك تۇخۇم، تەبىئىي بېقىلغان توخۇنىڭ تۇخۇملىرىنى ھەر ۋاقىت سېتىۋالغىلى بولاتتى، لېكىن ئاپام ھەر قاچان ماڭا ئازراق تۇخۇم ئالغاچ كېلىپ، بۇ تۇخۇملارنىڭ مومام كۆكۈن نەۋرەمگە يېگۈزسۇن دەپ ماڭا ئېلىپ قويغان يەرلىك تۇخۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. مەنمۇ دائىم كۈلۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلاتتىم، كېيىن مومامغا بىزگىلا ئېلىپ قويۇۋەرمەي، ئۆزىمۇ يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تاپىلايتتىم. بۇ چاغدا، مومامنىڭ يەرلىك تۇخۇمى بەختنىڭ تەمى ئىدى.

  قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ بەدىنىمگە، شۇنداقلا سېۋەتتىكى يەرلىك تۇخۇمغا چۈشتى، بىر خىل ئىللىق ئېقىم مانا مۇشۇنداق قەلبىمدە يامرىدى ...

  ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇڭ شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125