خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى
19:12:01 2024-09-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى

ما شىڭرۇي، لوۋ ياڭشېڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي) 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. خېنەن بىلەن شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 02- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ- خېنەننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لوۋ ياڭشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 9- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن خېنەن ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئون چوڭ ئىستراتېگىيە»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خېنەن ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ بىلەن خېنەننىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بوشلۇقى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش» قاتارلىق مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ- خېنەن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەسىپ ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خېنەننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەۋزەل ساھەلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، ئاشلىق- پاختا قاتارلىق خاس كەسىپلىرىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى بازارنى ئورتاق ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ تەشەببۇسكار ھالدا خېنەن ئۆلكىسى بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

 لوۋ ياڭشېڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرى بىر قېتىملىق چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئۆگىنىش، يۈكسىلىش سەپىرى بولدى، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرىنى كۆردۇق، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ سالمىقىنىڭ زور، ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبىنىڭ بىردەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېپيېڭى كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى گۈللىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا پورەكلەپ ئېچىلىپتۇ. خېنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ رىشتى ئۈزۈلمەي ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، دوستلۇقى چوڭقۇر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن تىيانشان باشتىن- ئاخىر بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە يۈكلىگەن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت. خېنەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ماددىي نەرسىنى كۆرۈش، ئادەمنى كۆرۈش، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ «شەكىلسىز ۋاسىتە» ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «شەكىللىك ۋاسىتە» بولۇشىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ؛ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېنەن كۈچىنى قوشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنېرگىيە بايلىقى، قاتناش- ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خېنەن- شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 يىغىندا ئىككى جايدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم خېنەن ئۆلكىسى بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قومۇلغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۈرۈمچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كېلىپ، ئىككى جاينىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى. قومۇلدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى قومۇل شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى، شىنشىڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى؛ قومۇل يۈشىن ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات ئورنى، دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قومۇل شۆبە مەركىزىگە بېرىپ، شىنجاڭغا پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ شىنشىڭ شەھەرلىك مۇزېي، پىلانلاش سارىيىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە شەھەر پىلانلاش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى قومۇل شەھىرى، شىنشىڭ شەھىرىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، كېلىشىم ئىمزالاش ۋە ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يەنە خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

 خېنەن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن سۈن شوۋگاڭ، چېن شىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، جىن جىجېن، جاڭ ۋېنشېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125