خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتاش يېزىسى كوئېنلۇن تېغىدىكى ئۆتكۈنچى بەلباغقا جايلاشقان، كىلىماتى تىپىك ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايون كىلىماتىغا تەۋە، پۈتۈن يېزىدا ھازىر بار بولغان تەبىئىي ئەلا سۈپەتلىك تۇتاش كەتكەن ئوتلاق 1 مىليون 200 مىڭ مو بولۇپ، ئىقتىسادى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى كۆمۈر، قاشتېشى قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. خوتەن شەھەر رايونىدىن يولغا چىقىپ ماڭغاندا، يول بويىدا تۈزلەڭلىكتىكى كەنت، چۆل- باياۋان، جىلغا، ئوتلاق، قارلىق تاغ، ئېگىز تاغدىكى ئارشاڭ، مۇزلۇق قىيا، ئېگىزلىكتىكى كۆل قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خوتەن ناھىيەسى كوئېنلۇن تېغى ئوتلىقى دۆلەت 1- دەرىجىلىك تەبىئىي ئوتلاق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەقەت 12.2 سېلسىيە گىرادۇس، ئوتلىقى كەڭ كەتكەن، قارلىق تاغلار بىلەن ئورالغان، ھاۋاسى ساپ، توپ- توپ قوي- كالا پادىلىرى بار، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل.
(خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئابدۇخالىق ئوبۇل، لو يىڭ)