ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
19:12:38 2024-09-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان، جۇڭگو− ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە ئۆلچەم بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، رىتىم ۋە پەيتنى ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى پائال پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تەكشۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا− ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو− ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، ئاساسىي مەقسەت سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشىنى قوللاپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو− ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نىشان- تەلەپلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكتە ماس كۈچەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا قوللىنىپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، دادىل ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، پائال نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇر تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ قەرزى، نۇقتىلىق كارخانا، ئۆي- زېمىن قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125