ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
17:58:55 2024-09-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىس كېنى بايلىقىنى چارلاش- ئېچىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى، مىس كېنى بايلىقىنى چارلاش- ئېچىش ۋە ئالاقىدار ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يولىنى تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «قوش كاربون» نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە يورۇقلۇق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش ۋە تەڭشەش- كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە چىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاپ تەڭشىشى، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى ۋە بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭدىكى مىس كېنى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىشنى تېزلىتىش دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا تايىنىپ، چارلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، بازارلاشقان كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارلاش خىزمىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىس كېنى بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېچىش- پايدىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك، يېڭى ماتېرىيال، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ساھەگە قاراپ قەدەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆي- زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ- خەتىرىنى تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ بىنالارنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سىجىل تۈردە ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش- ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ھەم مول ھوسۇل ئېلىش، ھەم كۆپ كىرىم قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئەۋزەل ساھەلەرگە كۈچەش، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيەدە كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125