ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىيوردانىيە، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا، مالى، لائوس، مالدىۋې، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى ھەم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بەردى. شىنجاڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، قەلبنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتۇق. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى بولۇپ، شىنجاڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بوھتان چاپلىشى ۋە قارا سۈركىشىنىڭ پۈتۈنلەي پاكىت ئاساسى يوق. ھەرقايسى ئەلچىلەر بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، شىنجاڭغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى تېز كېڭەيتىۋاتىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، دوستانە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىيوردانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۈسەينى، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېريان، مالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دائو قاتارلىق ئەلچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ شىنجاڭدا ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. تېررورىزم خەلقئارالىق مەسىلە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر توغرا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، ھازىر سىرتقا ئېچىۋېتىش تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
چېن ۋېيجۈن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)