ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 60قا يېقىن ساياھەت سودىگىرى يېقىندا شىنجاڭدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولدى. 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت مۇتەخەسسىسى مارى پىئېر مودى ۋە ئالاقىدار ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھەرقايسى ساياھەت سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىلا جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن، شانلىق، مول بولغان تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە، شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇلغان، توپلانغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە بولغان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە، يېرى كەڭ، مەنزىرىسى كۆپ خىل بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. بۇ قېتىم كۆپچىلىكنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇشى ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولدۇق. ھازىر شىنجاڭ دىققەتنى ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكتە. گۈزەل شىنجاڭ بىر كېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ساياھەت سودىگەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازار ئېچىش، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى تەشكىللەش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىياتىغا پائال سىڭىشىپ، ياۋروپادىن جۇڭگوغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بازىرىنىڭ تېز جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ كۈچىنى قوشۇشنى خالايمىز. بىز ھەرقايسى ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
مارى پىئېر مودى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر يەرشارىۋى ساياھەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك جانلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا ساياھەتتىكى ئاساسلىق مەنزىلگاھلارنىڭ بىرى. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتۇش دۇنيا ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، جۇڭگو شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ناھايىتى ياخشى چۈشەنچە ۋە تەسىراتقا ئېرىشتى. مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياۋروپالىق ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى قېزىپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تاشقى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال قوللاپ، ساياھەتنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)