شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (140) | بۇ يەر سىزنىڭ بىر كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ
12:12:37 2024-09-11 تىيانشان تورى

بۇ، بىر ھېكايىگە تولغان جاي.

مەيلى كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇمى ياكى قىزغىن سالىمى بولسۇن، ھەممىسى سىزگە بۇ تۇپراقنىڭ ئىللىقلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەيلى شەھەردىكى ئېگىز بىنالار ياكى يېزا- كەنتلەردىكى ئېتىزلار بولسۇن، ھەممىلا يەردە تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

بۇ يەر سىزنىڭ بىر كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان جاي، ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

خاسلىقنى ھېس قىلىش

9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو . ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر چۆچەك شەھىرى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، دۆربىلجىن ناھىيەسىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، چارۋىچىلىق كەسپى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ تيەندىڭ زاراڭزا يېغى چەكلىك شىركىتىدە شۇ جاينىڭ خاس ئۆسۈملۈكلىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

چوڭ بازاردىن ھەمبەھرلىنىش

9- ئاينىڭ 2- كۈنى، گۇاڭجوۋ شەھىرىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا شىنجاڭنىڭ «چوڭ بازار»ىنىڭ قاينام- تاشقىنلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزغىن ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلاندى، يەرلىك مەززىلىك تائاملار، خاس مەھسۇلاتلارغا ئېغىز تەگدى، مىللەتلەر كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىپ سىناپ باقتى... «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» گۇاڭدۇڭ ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، گۇاڭجوۋ شەھىرى ئاھالىلىرى گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى 289 سەنئەت باغچە رايونىدىكى «شىنجاڭ مەدەنىيەت بازىرى»دا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

بېيتىڭدىكى ناخشا- ئۇسسۇل

9- ئاينىڭ 5- كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بېيتىڭ شېئىر زىياپىتى «قەدىمىي شەھەر ساداسى» ۋەقەلىك تىياتىرى قالتىس ئورۇندالدى. بۇ تىياتىردا ساياھەتچىلەرگە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر سېن شېننىڭ شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەن بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدىكى ئۇزىتىش كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېيتىڭ خەنخەي ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايوننى قوغداپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى نامايان قىلىندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

خاس قورۇما مۇسابىقىسى

9- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاھالە- ئامما پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش «سەھنە»سىنى پائال بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە «قۇۋۋەتلىك، تەملىك خاس قورۇما» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مەھەللە ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ كېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاشپەزلىك ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل مىنۇتلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

تۇنجى قېتىم تاموژنىدىن ئۆتۈش

9- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو- قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇراسىمى جۇڭگو- قىرغىزىستان چېگراسىدىكى 6- نومۇرلۇق چېگرا بەلگىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى تەرەپنىڭ بەدەل پورتىدا تۇنجى قېتىم تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈرەتتە: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كوللېكتىپى بەدەل چېگرا پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

جابدۇق ياسىمىچىلىقى

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن ھەر ساھەدىكى ئېزىز مېھمانلار چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. سۈرەتتە: بىر ئېزىز مېھمان چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى رايونى خۇينېڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125