− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋلۇڭ
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق پارتىيەگىچە، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرۇش
پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.
تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. بىز دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيەنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
2024- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، بىر يىغىن پۈتۈن بىر كۈن ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر يىلى «بەش چوڭ بەنزە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ قالدى.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، زور سىياسىي نەتىجە، نەزەرىيە نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ تەكىتلەشتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى»نى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشكىچە؛
پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى بولۇشتەك ئورنى ۋە رولىنى يەنىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈشنى كۆزلەشتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكىچە؛
ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىن دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىدارە قىلىشقىچە، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشكىچە؛
…
2023- يىلى 6- ئاي، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم «13 چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى ۋە مەركەزلىك يىغىنچاقلاندى، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى دەل «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش» بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى، مۇھىم ئەھمىيىتى تولۇق نامايان قىلىندى.
دەھشەتلىك دولقۇندا مۇستەھكەم تۈۋرۈكنىڭ رولى ئەڭ نامايان بولىدۇ، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، تەكشى قەدەم بىلەن بىردەك ئالغا ئىلگىرىلىدى.
سۇغىرىپ تاۋلاش
قەتئىي بوشاشماي ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش
قۇدرەتلىك سىياسىي پارتىيە قەيسەرلىك بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا تاۋلىنىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىستىل تۈزىتىش، پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، پارتىيە ئەزالىق شەرتىنى ئۆستۈرۈش، بىيۇروكراتلىق، بۇيرۇقۋازلىق ۋە خىيانەتچىلىك، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئاندىن يېڭى دەۋردە مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقىچە...
75 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش ھەم قاينام- تاشقىنلىققا تولغان جەمئىيەت ئىنقىلابى تارىخى، شۇنداقلا يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلەيدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تارىخى.
2022- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ «غەلىبە قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسى» − يەنئەنگە كەلدى.
ياڭجيالىڭدىكى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ تەكشۈرۈشكە كەلگەن خۇاڭ يەنپېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالغاندا تارتىلغان سۈرەت باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
1945- يىلى دەل يەنئەندىكى گەمىدە، خۇاڭ يەنپېي ئوتتۇرىغا قويغان «تارىخىي دەۋرىيلىك» سوئالىغا قارىتا، يولداش ماۋ زېدۇڭ بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ «ھۆكۈمەتنى خەلق نازارەت قىلىش».
يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ دەل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بويىچە مەسىلە ھەل قىلىنىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشى تۇتۇلۇپ، قىلچە بوشاشماي «تۆت خاھىش» تۈزىتىلىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەندى. 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى تېلېفوندا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %95.7 ئامما مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن؛
زور كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇلدى، رەزىللىك جازالاندى، «يولۋاس دۇمبالاش» «چىۋىن پالاقلاش» «تۈلكە ئوۋلاش»قا كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ئون يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 4 مىليون 648 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق دېلو تۇرغۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلاردىن 553 كىشىگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ قاراپ چىقىلدى ۋە تەكشۈرۈلدى، نازارەت- ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە، ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 182 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە جازا بېرىلدى؛
پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە بىلەن دائىملىق تەربىيە بىرلەشتۈرۈلدى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش- تەربىيەسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا كالتسىي تولۇقلىنىپ ئۇستىخىنى چىڭىتىلدى؛
...
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىرىكلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «تىركىشىش ھالىتى كۆرۈلۈش»تىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللىنىش»كىچە، ئاندىن «مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش»كىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىش
پارتىيەنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش
2023- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى، بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ نىزامنى 3- قېتىم ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنىدۇ.
سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن دەۋرىيلىك، تولۇق قاپلاشقا ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى...
پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامىغا يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تۈزۈم «توسۇق»ى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىلىپ، ئارقىغا بارغانسېرى ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك سىگنال قويۇپ بېرىلدى.
پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىكىر يولى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە مۇھىم كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى.
ئىنتىزام جازاسى نىزامى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىدىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىغىچە، ئاندىن تۇنجى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»غىچە... يېڭى دەۋردىن بۇيان، يېڭىدىن تۈزۈلگەن، ئۆزگەرتىلگەن پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملارنىڭ ھازىر كۈچكە ئىگە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، پارتىيە تارىخىدىكى تۈزۈم نەتىجىلىرى ئەڭ مول، تۈزۈم سىستېمىسى ئەڭ تاكامۇللاشقان، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ئەڭ قاتتىق بولغان مەزگىل بولۇپ قالدى.
2021- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز «بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى».
تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى بۇ زور نەتىجە پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن بۇيان قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملار چىقىرىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى تېخىمۇ تۈزۈملەشتى، قېلىپلاشتى؛
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تۇتاشتۇرۇلۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولى ئېچىلدى؛
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە بويىچە «ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات» ئورگانىك يۇغۇرۇلۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى؛
...
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم- مېخانىزملىرى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
75 يىلدا بوران- چاپقۇن ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، 100 نەچچە يىلدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئىلگىرىكى ئۇچقۇندىن بۈگۈنكى كۈندە يانغىن چىقتى. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەمىز مۇقەررەر ھالدا يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)