يېقىندا، «تۇجيا ئائىلىۋى مېھمانخانا» سۇپىسى 2024- يىللىق ناھىيە رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرى دوكلاتى − «ناھىيە بازىرىدا خەزىنە جۇڭگونى بايقاش»نى ئېلان قىلدى. «تۇجيا ئائىلىۋى مېھمانخانا» سۇپىسى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ناھىيە رايونىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ بازار كۆلىمى ۋە ئېشىش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، «مەملىكەت بويىچە ئائىلىۋى مېھمانخانا جەھەتتىكى 30 كۈچلۈك ناھىيە»نى يەكۈنلەپ چىقتى، ئۆلكە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئائىلىۋى مېھمانخانا جەھەتتىكى 30 كۈچلۈك ناھىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 ئۆلكىدىن چىققان بولۇپ، گۇيجوۋ، خېنەن ۋە شىنجاڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلەپ، تەڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ئۈچ جاي ئايرىم- ئايرىم ھالدا كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسىدىن ئىبارەت.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)