ما شىڭرۇي قەشقەر داشۆدە ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى
مائارىپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەر داشۆگە كېلىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان سىستېمىلىق، چوڭقۇر، ئېسىل، جانلىق ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى كۆزلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن قىلچە ئېغىشماي، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ چېگرادىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشى، تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاچقۇچلۇق كىشىلەر توپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشى كېرەك. ما شىڭرۇي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جەزمەن شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تارىخىي مەسىلىلەردە سەگەك تونۇشنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇپ، تۈرلۈك خاتا پىكىر ئېقىملىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەۋزەللىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ سىياسىي كاپالەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، بىر قاتار مۇھىم قوللاش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ، شىنجاڭ ئۈچۈن مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز شەكىللەنمەكتە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلمەكتە، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھازىرلىغان ئەۋزەل شارائىتىنى تولۇق تونۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىجىل تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەربىيەسىگە ئالاقىدار دەرسلەرنى ياخشى تەسىس قىلىشى كېرەك. ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسى، ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىشنى چوڭقۇرلاپ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك. مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى ياخشى يولباشلىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مائارىپ بازىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ما شىڭرۇي كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا سالام يوللاپ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈندىلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇڭلار.
ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، قەشقەر داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم مەكتەپلىرى ۋە قىسمەن ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي قەشقەر داشۆ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپنى پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان مەكتەپ رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات جىددىي ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سۈپىتى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)