ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
23:30:53 2024-09-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى 

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىق قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىۋېلىش- سېتىش، زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە نېمە ئۈچۈن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، قانداق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشان- ۋەزىپىلىرىگە ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى دەۋر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇر، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايون، ئوقۇش باسقۇچلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى»، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. مائارىپ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرىنى ياخشى تاللاش، كۈچلۈك سەپلەشنى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە يوللىرىنى كۆپ مەنبەلىك كېڭەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋە تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. بوران، قارا يامغۇر، قىيان، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەت ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يول قاتنىشى، كۆمۈركان، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت «ئىككى بايرام» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»، ساھە تارماقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئېشىش مىقدارىنى توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى ۋە خىزمىتىنىڭ ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئۇلارنى باشتىن- ئاخىر ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىش، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى كۆچۈپ بارغان جاي ۋە كۆچۈپ چىققان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئورتاق باشقۇرۇش ۋە ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، ئاشلىق- ياغ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، خاس يېمەكلىك كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى سىجىل قېزىپ، زاپاس ئاشلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش ساھەسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125