لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى
23:37:31 2024-09-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچىدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ لىلىن ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى مۇساپىدە لياۋنىڭ، شىنجاڭنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي شىمال، لياۋنىڭنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «ئالتە جاي» نىشان- ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، لياۋنىڭنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەدەت بېرىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ بىلەن لياۋنىڭ ئىككى جاي كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە خاس كەسىپ ئەۋزەللىكىنى لياۋنىڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئاچىمىز. مەدەنىيەت- ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئۆزئارا بېرىش- كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز. كادىرلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 جاڭ لىلىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى لياۋنىڭغا تاپشۇرغان سىياسىي ۋەزىپە ۋە شەرەپلىك بۇرچ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، لياۋنىڭنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن شىخەنزە شەھىرى، بەيياڭ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەيدۇ. شىنجاڭ بىلەن ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە سىڭىشىدۇ. مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، بەيياڭ شەھىرىگە كېلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا ھەمكارلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈردى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا كىرىپ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلار، كەسىپ تۈرلىرى، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت- ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يەنە مۇزېي، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىدىن ھال سورىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

 ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، لى نىڭپىڭ، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ جيەنمىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125