تۆھپىكار نەمۇنىچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى
11:55:43 2024-09-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شان شەرىپى. 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ  ۋاڭ يۇڭجى قاتارلىق تۆت كىشىگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، دىلما روسسېفقا «دوستلۇق ئوردېنى»، ۋاڭ شياۋمو قاتارلىق 10 كىشىگە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدا رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، مۇقەررەركى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئاكتىپلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇتىلىدۇ، بۇنىڭدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش؛ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا دوستلارنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش مەقسەت قىلىنغان.

تۆھپىكارلار ئۇلۇغلىنىپ، ئەخلاق- پەزىلىتى مەدھىيەلەندى، تۆھپىكارلارغا مېدال ئېسىلدى. تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش مۇھىم دۆلەت تۈزۈمى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەيدىغان جۇڭگوچە تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچى، دۆلەت، ئارمىيەدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «بەش ئوردېن»نىڭ ھەممىسىنى تولۇق تارقىتىپ، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل تۈر، كۆپ ساھەدە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش سىستېمىسىنى كۈنسېرى بېيىتتى، مۇكەممەللەشتۈردى، تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە قەھرىمانلار ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قەھرىمانلارنى قەدىرلەش، قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى تارقىتىلدى، بۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاش، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق. بۇ قېتىمقى باھالاش - تارقىتىش يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمى ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى، بۇ، دۆلەتنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈشى ۋە مىللەتنىڭ ئەستە ساقلىشىنى كۈچەيتىش، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

قەھرىمانلار مىللەتنىڭ ئەڭ يارقىن كوردىناتى. 75 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا قىزغىن ئاتلىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان سانسىزلىغان قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرى، ھەتتا ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتتى. جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ يۇڭجى، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان ئۇرۇش قەھرىمانى خۇاڭ زۇڭدې، كونتېينېرنى قاچىلاش- چۈشۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى كۆپ قېتىم يېڭىلىغان سانائەت ئىشچىسى شۈ جېنچاۋ، نامرات رايونلاردىكى خەلق ئۈچۈن 50 يىل خىزمەت قىلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغان «گەمە دوختۇرى» لۇ شېڭمېي... بۇ قېتىم «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مىليونلىغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جانلىق گەۋدىلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە تۆھپىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ بېتىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قەھرىمانلار ئۇلۇغلانسا ئاندىن قەھرىمان كۆپلەپ بارلىققا كېلىدۇ، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن قەھرىمانلار ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.» 75 يىللىق قالتىس مۇساپىدە چاقنىغان جاراڭلىق ئىسىملار، تەسىرلىك ھېكايىلەر جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنى سادىق، قەتئىي، ئاددىي- ساددا بولۇشتەك روشەن پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، شەخسنىڭ غايە- ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. يېڭى مۇساپىدە، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش قەھرىمانلارغا ئېھتىياجلىق، قەھرىمانلىق روھىغا ئېھتىياجلىق. تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، قەھرىمانلىق روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش چىڭ تۇرۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش كۈرەش قىلغاندىلا، چوقۇم يېڭى دەۋردە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك زەپەر مارشىنى ئورتاق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى ياراتقىلى بولىدۇ. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125