ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاپتونوم رايون بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ كېلىۋاتقان مائارىپ مىنىستىرلىقىغا، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە زور كۈچ بىلەن تەشكىللىشى ۋە قوللىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتۇش- پەن تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىقلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى، سۇچىلىق خىزمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، ئالىي يېزا ئىگىلىك مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جېجياڭ داشۆنىڭ مۇدىرى دۇ جياڭفېڭ، جۇڭگو دېڭىز- ئوكيان داشۆسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جۈنفېڭ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو دېڭىز- ئوكيان داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي مۇدىرى شۆ چاڭخۇ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار سۆز قىلىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ياردەم بېرىش، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. كۆپچىلىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقى، بولۇپمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ۋە شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال تۆھپە قوشىمىز. كۆپچىلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى، شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە شورلۇق يەرنى تۈزەش، يېمەكلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق پىكىر يولى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاڭ جيەنشىن ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا داشۆسى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسى، خېخەي داشۆ، خېفېي سانائەت داشۆسى، خۇابېي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى داشۆسى، جياڭنەن داشۆدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان جۇڭگو گېئولوگىيە داشۆسى (بېيجىڭ)، چاڭئەن داشۆدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.