ئاپتونوم رايون 11- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
19:35:43 2024-09-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

 ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايون 11- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون 11- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، پىكىر- تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئەمەلىي تەدبىرلەر پىلانلاندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە خىزمەتكە ئالاقىدار ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فاڭ شياڭرۇڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جىسۈي، كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لو لياڭ، يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىشېڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ ياپىڭ، كورلا شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى فېڭ يۇڭجۇاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى دۇ بىڭجاۋ، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى جاۋ چېن، بىڭتۇەن 13- شىسى شىنشىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ لياڭ، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ خۇڭچاۋ 11- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىزمەت ھاسىلاتى ئۈستىدە توختىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەسىراتىنى سۆزلەپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

 ما شىڭرۇي شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق  شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم- تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مىڭلىغان تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز شىنجاڭغا كېلىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر نۆۋەتلىك كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم كۈچ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش، شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش ۋە ئىشلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي بولۇش، دەل جايىدا بولۇش، جانلىق بولۇشنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھالقىلىق ئىش ئورنىدا ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا تولۇق ئىشىنىپ، دادىل ئىشلىتىپ، كۆپرەك سۇپا ھازىرلاپ، كۆپرەك پۇرسەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى كۆپرەك يۈكلەپ، مۇھىم ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇش كېرەك. ناھىيە (تۇەن- مەيدان) دەرىجىلىك ئورۇنلارغا، نۇقتىلىق رايون ۋە ساھەلەرگە، خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلارغا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق بىلەن مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەمىنات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، غەم- ئەندىشىدىن پائال خالاس قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىدىيە، تەپەككۇر، تېخنىكا، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ۋە «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاك- دۇرۇس بولۇش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە رىئايە قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش جەھەتتە ئۈلگە بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلار ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىلمىي ئىشلىتىش، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى يۈرەكلىك ئىشلەشكە، دادىللىق بىلەن ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى شىنجاڭدا قېلىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك قىممەتلىك كەچۈرمىشىنى قەدىرلەپ، ئېسىل ئىستىلى ۋە خىزمەتتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى قالدۇرۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مەكتەپ، كارخانا، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەر قايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125