− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
1954- يىلى 9- ئايدا، 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ئېچىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى، بۇ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ رەسمىي ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئېكسپلاتاتسىيە، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھالەتتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئۇلۇغ ھالقىشنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يارىتىلىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەۋزەللىكى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى غايەت زور سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى. پارتىيەمىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى جاپا- مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غالىب كەلدى، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىل ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نامايان قىلغان روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، ئومۇمىي خەلقنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ «سەككىزدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ يېڭى مۇساپىنى باشلايلى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ قايتا ئاتلىنايلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرساقلا، چوقۇم يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)