− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك».
70 يىللىق، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت تەرەققىياتى ئارقىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى، جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، بۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي خەلقنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتالايدىغان ياخشى تۈزۈم ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشتە، جەزمەن بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولى» «قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولى» «خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولى» «خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلىق رولى»دىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، دۆلەت قانۇن- تۈزۈمىنىڭ بىردەكلىكى، ئىززەت- ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسى ئىچىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن نوپۇزغا ئىگە بولغان، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان نازارەتچىلىك. خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدا. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سادىقلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىش كېرەك.
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدە دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلغاندا، چوقۇم يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)