خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن- ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرغان شانلىق بايراق
10:48:41 2024-09-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن- ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرغان شانلىق بايراق

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن- ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرغان شانلىق بايراق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ دېموكراتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى.

خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي ئېغىشماس كۈرەش نىشانى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدىنىپ ۋە كۈرەش قىلىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، نەچچە مىڭ يىللىق فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخى بار بولغان، يېقىنقى زاماندا يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالغان دۆلەتتە خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقى دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ھەقىقىي ئايلاندى.

مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىققا بولغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇردى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە دائىر مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە قىممىتى ۋە ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كونكرېت، رېئال بولغان دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مۇقەررەر يولى. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت، رېئال گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا، تۈزۈم سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مۇھىم سىياسىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىك دېموكراتىيە شەكىللىرىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.» خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي سىياسىي تۈزۈملەرنى بىرلىكتە يولغا قويۇش، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ دائىرىلىك، ئورگانىك جىپسىلاشقان خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈرۈش − ئومۇمىي خەلقنىڭ دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، قانۇن بويىچە ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

دېموكراتىيە پۈتۈن ئىنسانلارغا خاس ئورتاق قىممەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېموكراتىيەنىڭ سادىق ئىنتىلگۈچىسى، پائال تۈرتكە بولغۇچىسى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەجرىبە شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقىدا. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، رېئال دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، دېموكراتىيە شەكلىنى تاللاشمۇ مۇقەررەر ھالدا ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك، لېكىن غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بىز دۇنيادىكى تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلق بىلەن كەڭ، ھەقىقىي، ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئىش پىلانلانسا، ئىش ئېنىق بولىدۇ، كۆپنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىش قىلسا، چوقۇم ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلساقلا، بىز چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125