ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2024- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جەمئىيەتتىن كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش يازما ئىمتىھان خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، بۇ قېتىمقى ئاشكارا قوبۇل قىلىشتا جەمئىي 3450 ئىش ئورنىغا 4592 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ.
تەكلىپ قىلىش دائىرىسى ۋە شەرتى بولسا جەمئىيەتتىن ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىش ئورنى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكلىپ قىلىنغۇچىلار بىردەك تىزىملاتسا بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشنىڭ ياش تەلىپى 25 ياشتىن 45 ياشقىچە بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار ياش تەلىپى تەپسىلاتىنى «تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدۋىلى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 9- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 10:30دا باشلىنىپ، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 18:30دا ئاخىرلىشىدىكەن، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 10:30دىن 9- ئاينىڭ 28- كۈنى 10:30غىچە بولىدىكەن. يېزىقچە ئىمتىھان 11- ئاينىڭ 2- كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن ئېلىنىدىكەن. تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئورگان تورى (http://www.xjrsks.com.cn)غا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)