جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئاخىرلاشتى، ئىشقا چۈشكىلى ئەمدىلا بىر كۈن بولۇشىغا، نۇرغۇن كىشى ئولتۇرالماي قالدى، چۈنكى، كېيىنكى دەم ئېلىش كېلەي دەپ قالدى.
«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2024- يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 10- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، 2024- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا داۋاملىق يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن قاتناش ھەققى ئېلىنمايدۇ، كونكرېت ھەق كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 00:00دە باشلىنىپ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 24:00تە ئاخىرلىشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)