«قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشى ئۆگىنەيلى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنايلى
11:24:12 2024-09-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىن شىجيەن

خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، زاپاس يەر ئېچىشنى تەكشۈرۈش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تومۇرىنى تۇتۇش... يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتارلىقلار بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىر ناھىيەنى ئۆرنەك قىلىپ «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى، بۇ، مۇقەررەر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتىكى «ئۇل قوزۇق»، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى «بىلەي تېشى». پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى، تەكشۈرۈش بولمىسا، سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەكشۈرۈش بولمىسا، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى بولمايدۇ» «توغرا تەدبىر بەلگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.» قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي، پاتقاق كېچىپ، ھال ـ ئەھۋال سوراپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتكەندىلا، كۆڭۈلدە سان بولىدۇ، قولدا چارە بولىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنى ئىجادىي ئېچىلىپ، تۆت بۆلەك رايوننىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلغار تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق دەريا ۋادىلىرى، كۆللەر ۋە نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىدە قەدەم ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلدى... يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يول ئېچىش، ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قېتىملىق خەلقتىن ئەقىل سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

ھازىر، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇرەككەپ ئامىللار گىرەلىشىپ ئۈستىلىنىپ، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئەھۋاللار كۆپىيىپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس، قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. قانداق قىلغاندا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ... ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بۇ نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ۋە يولىنى تېپىپ چىقىپ، تېخىمۇ پۇختا نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.

بۇ قېتىمقى چەرچەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. بىرىنچى، ئۆلچەم يۇقىرى بولدى، مۇشۇنداق سالماق، كۆلەمگە ئىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ئالايىتەن بىر ناھىيەدە ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى شىنجاڭ تارىخىدا تېخى بىرىنچى قېتىملىق ئىش؛ ئىككىنچى، شەكىل يېڭى بولدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن ناھىيەنى ئۈلگە قىلىپ «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» قىلدى، بۇ، دىققەتنى خىزمەت پىكىر يولى، ۋەزىپىلەرگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى؛ ئۈچىنچى، مەقسەت چوڭقۇر بولدى، چەرچەندىن ئىبارەت بىر ناھىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ناھىيەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسەت قىلىنغان؛ تۆتىنچى، ئىللىقلىق يېتەرلىك بولدى، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىن كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ۋەكىللىرىنى ئالايىتەن يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، بۇ كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئارقىسىغا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن.

قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ، ھەممە ئەزاسى تولۇق. ناھىيە دەرىجىلىكلەر يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر ـ بىرىگە باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىدا تۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش داۋامىدا ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ناھىيە دەرىجىلىكلەر تەرەققىي قىلسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل رايوننىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىمۇ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى چەرچەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا دىققەت «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىغا دائىر مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، نۇقتىمۇنۇقتا بېرىش، ئىشلارنى بىرمۇبىر پىلانلاش ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە ئەھۋاللار ئېنىقلىنىپ، مەسىلە دەل جايىدا تېپىپ چىقىلىپ، تەدبىرلەر ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۆرنەك يارىتىلدى، ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىلدى. «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» شەكلىدىكى بۇ خىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالقىشلايمىز!

«بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئەمەلدە كۆرسىتەلمىسە، تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇغان بىلەنمۇ بىكار.» ئالقىشلاش بىلەن بىللە، بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆپرەك تەكشۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتىمىزنى ئاشۇرۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشنى خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125