ئەگەر بىر كۈن، سىز ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ بارغانسېرى ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تونۇشىنىڭ قالايمىقانلىشىپ، تۇرمۇشىنىڭمۇ ئاستا- ئاستا تەرتىپسىزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۇنى قېرىلىقنىڭ ئالامىتى دەپلا قالماڭ، ئۇلار بەلكىم ئالتسخېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ سېكۇنتتا، دۇنيادا يېڭىدىن بىر نەپەر ئالتسخېيمېر كېسىلى ئاغرىقى كۆپىيىدۇ، كېسەل ئاستا- ئاستا ئۇلارنىڭ خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈپ، ئەتراپىدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى تونۇيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ ...
ئۇنداقتا، ئالتسخېيمېر كېسىلى قانداق كېسەل؟ ئالتسخېيمېر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ غاپپار قاھارنىڭ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلەپ بەرگەنلىرىدە بولسۇن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)