شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەم رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
19:36:01 2024-09-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمى ھەم ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

 ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

9- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق پۈتتى ھەم شىنجاڭغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئىرىنا بوكوۋا، شىنشىجيې تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە مەمۇرىي باش لىدىرى جېڭ جىگاڭ قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) بىر يىلدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق پۈتتى ھەم شىنجاڭغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمى ھەم ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئىرىنا بوكوۋا، شىنشىجيې تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە مەمۇرىي باش لىدىرى جېڭ جىگاڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

 ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق پۈتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنشىجيې جۇڭگو يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈر شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىدىكى يەنە بىر مول نەتىجە، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىرىنا بوكوۋا مۇنداق بىلدۈردى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيلىك سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆپ بولۇپ، دۇنياغا ئۇزاق، شانلىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت- ساياھەت ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ ئىناق، رەڭدار، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدۇ.

 جېڭ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر رەڭگارەڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى. ئىشىنىمەنكى، شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىپ ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، ھېس قىلىش ھەمدە تەتقىق قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۇزاققىچە يېڭىلاپ تۇرىدۇ. شىنشىجيې تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۇزاقتىن بۇيان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى سۆز قىلدى.

 ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار مېھمانلار بىلەن بىللە سارايغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى ھەم كۆرگەزمە لايىھەسى، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىر يولى، كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم شىنجاڭنىڭ خاس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كۆرگەزمە نومۇرىنى كۆردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. فۇنكسىيەلىك رولىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى جانلىق كۆرگەزمە قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، تەربىيەلەش- مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ مەدەنىيىتى يېڭى يەر بەلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ قىممەت بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەش كېرەك.

 شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى شىنشىجيې جۇڭگو يەر- مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، 2023- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، «جۇڭخۇا گۆھىرى . ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» لايىھەلەش ئىدىيەسى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو سالاپىتى، ھازىرقى زامان ئېستېتىك گۈزەللىكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان قىلىنغان. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى يىل ئاخىرىدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكى(ئىسىملىكى)گە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن 34 تۈرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى كۆرگەزمە قىلىش، يېتەكلەپ چۈشەندۈرۈش، تارقىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 ۋاڭ جيەنشىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن، ۋاڭ گوخې، سۈن خۇڭمېي، ياڭ يۇڭ، شىنشىجيې شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى ھەم ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە رايونلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت- ساياھەت جەمئىيەتلىرى ۋە ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125