ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىرىنا بوكوۋا بىلەن كۆرۈشتى
19:41:35 2024-09-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئىرىنا بوكوۋا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىرىنا بوكوۋا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلانغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شىنجاڭنىڭ ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلىرى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەر مىللەت خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، بۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى بەلگىلىگەن. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر ئاتالمىش «مىللەت» «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭغا ئاساسسىز بوھتان چاپلىدى، بۇ، سېپى ئۆزىدىن يالغان- ياۋىداق سۆز. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش− يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىللىق ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يول. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاسىيا مەركىزىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا سىجىل دىققەت قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 ئىرىنا بوكوۋا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى، سىغدۇرۇشچان ۋە ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلار ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئىشلارنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشىمەن. ياشلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىمەن. 

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125