ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون «يېڭى دەۋر شىنجاڭ كادىرلار چوڭ دەرسخانىسى» ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنفاڭ پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇدىرى شۆ چىكۇننى «كىۋانت پەن- تېخنىكىسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دىققەتنى پەن- تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ لېكسىيەگە قاتناشتى.
شۆ چىكۇن لېكسىيەسىدە كىۋانت تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى ۋە قائىدىسىنى تونۇشتۇرۇپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ 1- ئەۋلاد، 2- ئەۋلاد كىۋانت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن- تېخنىكا ۋە دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىگە زىچ يېقىنلىشىپ، كىۋانت تېخنىكىسىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئىستىقبالى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزم بەرپا قىلىش، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق تونۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، كىۋانت پەن- تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، يېشىل ھېسابلاش كۈچى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئېنېرگىيە باتارېيەسى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى ياساش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، سىياسەت زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پەن- تېخنىكا كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ قىسمەن ئاساسىي كۇرس ئەزالىرى لېكسىيەگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.