يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ جەمئىي 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 2024- يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىشنى تېزلىتىش ۋە «كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» تولۇقلىما بېرىش پائالىيىتى باشلاندى
دۆلەتنىڭ «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 2024- يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» تولۇقلىما بېرىش پائالىيىتى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا تەڭ ھەرىكەتلىنىپ، ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئۈزۈلمەي، بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەر بەلگىلىك تولۇقلىما سوممىسى ۋە يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ «بىر قېتىمدىلا سېتىۋېلىش» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى.