ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | ئەر تەرەپ تالاغا قاراپ قالغاندىن كېيىن يازغان كاپالەتنامىنى ئايال تەرەپ مال- مۈلۈكنى كۆپرەك ئېلىۋېلىشقا ئاساس قىلسا بولامدۇ؟
19:26:20 2024-09-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لۇ خانىم مۇنداق سورىدى: ئېرىم تالاغا قاراپ قالغاندىن كېيىن، ماڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن ھەم ئائىلىگە قايتىشقا ۋەدىمۇ بەرگەن، لېكىن كېيىن ئۇنىڭ يەنىلا تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. مەن ئاجرىشىش ئەرزى سۇنۇشنى ئويلاشتىم، ئىلگىرى ئۇ ماڭا يېزىپ بەرگەن كاپالەتنامىنى ئىسپات ئورنىدا كۆرسەتسەم، ماڭا مال- مۈلۈكنى كۆپرەك بۆلگىلى بولامدۇ؟

 ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەر- خوتۇندىن بىر تەرەپ تالاغا قاراپ قالغاندىن كېيىن يازغان كاپالەتنامە مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا، ئاجرىشىش ئەرزىدە دەلىل- ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئالدى بىلەن، كاپالەتنامە دەلىل- ئىسپات بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە بولۇشى، يەنى ئۇنىڭ مەزمۇنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولماسلىقى، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ- ئادەتلەرگە خىلاپ بولماسلىقى كېرەك؛ كاپالەتنامىنىڭ مەزمۇنى ھەقىقىي بولۇشى، تالاغا قاراپ قالغانلىق پاكىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يېزىلغان بولۇشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش ياكى ئالدامچىلىققا ئۇچرىمىغان بولۇشى كېرەك.

 ئاندىن، كاپالەتنامىنىڭ قانۇنىي كۈچى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. كاپالەتنامە جورىسىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئۆيلىنىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشقا چېتىلىدىغان ياكى 3- كىشىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن.

 ئاخىرىدا، ئەگەر كاپالەتنامىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كۈچكە ئىگە بولماسلىق، بىكار قىلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولمىسا، ئاجرىشىش ئەرزىدە، تالاغا قاراپ قالغان بىر تەرەپ ئۆز قولى بىلەن يازغان كاپالەتنامىنى ئۇنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىنىڭ دەلىل- ئىسپاتى قىلىشقا بولىدۇ.

 مال- مۈلۈكنى بۆلۈشۈش مەسىلىسى توغرىسىدا، ئەگەر ئەر تەرەپ كاپالەتنامىدە ئۆزىنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىق خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلسا ھەم مال- مۈلۈكنى بۆلۈشۈش جەھەتتە يول قويۇشقا قوشۇلسا، سوتچى بۇ مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەر تەرەپنىڭ تالاغا قاراپ قالغان خاتالىقىنىڭ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى ھەم ئەھۋالغا قاراپ مال- مۈلۈك جەھەتتە ئايال تەرەپكە ئېتىبار بېرىشى مۇمكىن. لېكىن، بەزى دېلو مىساللىرىدا، ئەگەر بىر تەرەپتە تالاغا قاراپ قېلىش قىلمىشى مەۋجۇت بولسىمۇ، قوش ئۆيلىنىش ياكى باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇۋېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەھۋاللار شەكىللەنمىسە، سوتچى ئىككى تەرەپكە مال- مۈلۈكنى تەڭ بۆلۈشكە ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن.

 (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125