ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئىككى ئايغا يېقىن رەپىتىس قىلىش ئارقىلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئويۇن قويۇش تۈرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ ئېسىل ئويۇن قويۇش پائالىيىتى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ مول، ئۆزگىچە ساياھەت تەسىراتى بېغىشلىدى.
مالىنا فوتوسى
شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ داكا قىلىشىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ئويۇن سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەتىگەن سائەت 9:30دا ئارتىسلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بالدۇرلا كېلىپ، گىرىم قىلىپ، كىيىم- كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئويۇن قويۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ سائەت 10:00دا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا، شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە يېرىم سائەت ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي دەرۋازىنىڭ ئالدى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك بەس- بەستە قولىدىكى يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى تەييارلاپ، سۈرەتكە تارتىشقا ئەپلىك ئورۇن «ئىگىلەپ»، مۇراسىمنىڭ باشلىنىشىنى كۈتتى. شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، خۇشال ناخشا- ئۇسسۇل، قىزغىن كەيپىيات نەق مەيداندىكى ھەر بىر ئادەمنى ھاياجانلاندۇردى.
راھىدىن فوتوسى
شەندۇڭلۇق ساياھەتچى چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يۇقىرى، كىيىم- كېچەكلىرى ناھايىتى چىرايلىق، مەدەنىيەت كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، نەق مەيداننى ناھايىتى زىلزىلىگە سالدى.
شاڭخەيلىك ساياھەتچى جاڭ گۇيلەن مۇنداق دېدى: قەشقەرگە كەلمىسە شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ، مەن بۇ قېتىم قەشقەرگە كېلىپ، شەھەر كوچىلىرىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ناھايىتى ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىۋىتىپتۇ.
راھىدىن فوتوسى
شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدىكى ھەرخىل سەنئەت ئويۇنلىرىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. تۆمۈرچىلىك كوپىراتىپىدا كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىنغان «تۆمۈرچىلىك سىمفونىيەسى» مۇزىكا بىلەن مەنزىرىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى قەدىمىي تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇردى؛ چاي دورىسى بازىرىدا ئارتىسلار «چاي ئىچەيلى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئويناپ، قەشقەر خەلقىنىڭ چاي ئىچكەندىكى ئازادە كەيپىياتى ۋە راھەت مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى؛ خام بازىرى كەچلىك بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدا، ئارتىسلار كۈەيشەن شەكىلدە مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى؛ ئاسار- ئەتىقە كوچىسىدا، «ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق ئىتوت دەل ۋاقتىدا ئورۇنلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە قەدىمىي شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
مالىنا فوتوسى
سەنشىلىك ساياھەتچى لياڭ يەن مۇنداق دېدى: بىر نەچچە ئارتىس چىرايلىق كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىپ، جانلىق بەدەن تىلى ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن قەدىمىي شەھەر ھېكايىسىنى تەسىرلىك ھەم ئىللىق بايان قىلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىمۇ نامايان قىلدى.
زۇلپىيە ئەخەت فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، قەدىمىي شەھەرنىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدىكى ئويۇن قويۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىگە شەھەرلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى 100گە يېقىن ئارتىس قاتناشقان بولۇپ، ئويۇن قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى داڭلىق كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر تەكلىپ بىلەن ئويۇن قويۇش كىيىمىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىگەن ھەمدە نومۇرلار ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلەش ۋە بېكىتىش ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
بۇ قېتىمقى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى+ ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى، مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى+ سىمفونىيە، مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى+ مەنزىرە ئۇسسۇلى، مىللەتلەر ئالاھىدىلىكى+ ئېتۇت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ داڭقى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مالىنا، چىن چېچى خەۋىرى، رازىيە تەرجىمىسى)