9- ئاينىڭ 16- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار»دىن ئارىيەنى كۇەيشەن شەكلىدە قويۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00دە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا، مۇزىكىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇسسۇلچىلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، پىشقان ئۇسسۇل ماھارىتى ۋە تولۇپ تاشقان ھېسسىياتى بىلەن چېگرا رايوننى قوغدش جەڭچىلىرىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىنى تولۇق، جانلىق نامايان قىلدى. ئۇسسۇللۇق تىياتىر كۇەيشەن شەكىلدە قويۇلۇپ، ئەنئەنىۋى سەھنىنىڭ چەك- چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر تاماشا قىلىش جەريانىدا تارىخ بىلەن مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى مۇنىرە ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئارتىسلار ناھايىتى جانلىق ئورۇنلىدى، چالغۇ ئاۋازىدىن كۈچلۈك ھېسسىيات ئۇرغۇدى، بۇ ئويۇن ئىنتايىن ئېسىل، ناھايىتى ئۆزگىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا رايوننى قوغداش جەڭچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم.
ئىگىلىنىشىچە، «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار» شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قىياق تۇر خارابىسىدە بايقالغان ماتېرىيالغا ئاساسەن يېزىلغان. شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى تۇرلار خارابىسى جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۆلەت خاتىرىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر سەنئەت شەكلىدە چەكلىك، پارچە- پارچە ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا رايوننى قوغداش جەڭچىلىرىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى ۋە روھىي قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ تارىخىي قىممىتىنى نامايان قىلغان.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇنجان زۇنۇن مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم قەشقەرگە «ساۋۇردىن» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇللۇق داستاننىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنىنى قويۇش ئۈچۈن كەلدۇق. جۇڭچيۇ بايرىمى ھارپىسىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى سەييارە ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئارتىسلارنى پائال تەشكىللەپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئورۇنلاشقا ماس كېلىدىغان «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار»دىن ئارىيەنى كۆڭۈل قويۇپ رېپېتىتسىيە قىلىپ، قەشقەر خەلقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان ئۆزگىچە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بېرىپ، كۆپچىلىككە كەسىپچانلىقىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىز بىلەن بايراملىق گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈردۇق.
جۇڭچيۇ بايرىمىدا «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار» ناملىق كۇەيشەن ئويۇنى قەشقەر قەدىمىي شەھەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىگە يېڭى يارقىن نۇقتا قوشۇپلا قالماستىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش ئەترىتىنى ئەلا سۈپەتلىك كۆرگەزمە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىيەت بىلەن سەنئەتنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، قەشقەر شەھىرىمۇ مەدەنىيەت- ساياھەت جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىڭ مۇخبىرى ئەلفىرە، ۋاڭ دۇڭدۇڭ، نۇرمەمەت خەۋىرى، رازىيە تەرجىمىسى)