باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
20:01:35 2024-09-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردە رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، گەنسۇ ۋە شەنشى باۋجىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردە رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، گەنسۇ ۋە شەنشى باۋجىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قاتارلىق سۇپا، ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاپ، سېلىنما، ئىچكى ئېھتىياج، تاشقى سودا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال مالىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە، ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك.

 يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2024- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، 11- نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتى ۋە ئافرىقىلىق ئالىملارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ كېڭىيىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت سودىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاياللار خىزمىتى، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پورت شەھىرى، ئېچىۋېتىلگەن تۈگۈن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا بويىدىكى كەسىپ باغچە رايونلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، چۆچەك- ئاياگۇز تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، جۇڭگو پاكىستان چېگرا ھالقىغان تاشيولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دېڭىز بويىدىكى رايونلار، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە ئاپتونوم رايونلار قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش كېرەك، ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەشكىللىك بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە يول تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان، شىنجاڭ ئىچى ھەم خەلقئارالىق ئاساسلىق غول لىنىيە چوڭ يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125