جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ «ماتېرىيالنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى» ئىلىم ۋە تېخنىكا ئالدىنقى سېپى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
20:07:59 2024-09-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ «ماتېرىيالنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى» ئىلىم ۋە تېخنىكا ئالدىنقى سېپى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ما شىڭرۇي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى مەسئۇل بولغان ئىلىم ۋە تېخنىكا ئالدىنقى سېپى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ جەمئىي 100دىن ئارتۇق كىشى «ماتېرىيالنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى»نى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماتېرىيال ساھەسى ئالدىنقى سېپىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېخنىكا پەنلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ ۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى شىنجاڭ بىلەن پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىر، ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېرىيال ئىلمى ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، ئاچقۇچلۇق پەن- تېخنىكا مەسىلىلىرى يىغىنچاقلىنىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج ۋە كەلگۈسى ئىجادىي تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەشكە كۈچ قوشۇلۇپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، چوڭ- چوڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. ھەرقايسى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ماتېرىيال ساھەسى ئالدىنقى سېپىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئايلاندۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنفاڭ پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇدىرى شۆ چىكۇن «ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئۈچ قاتلىمى» تېمىسىدا باش تېمىلىق باھا دوكلاتى بەردى.

 مۇنبەر ئېچىلغان مەزگىلدە، ما شىڭرۇي مۇنبەرگە قاتناشقان ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياراتقان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، تۈر تەتقىقاتى ۋە قوللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى ۋە ھەرقايسى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، ماتېرىيال ساھەسى ئالدىنقى سېپىدىكى تېخنىكىلارنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈستۈنلۈكى ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى قاتارلىقلار بىلەن تولۇق، ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شىنجاڭدا يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى پائال قۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قوللىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭ بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، پەن تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 بۇ قېتىمقى مۇنبەر 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر باش تېمىنى چۆرىدەپ بىر قاتار دوكلات بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

 قادېن كەبىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە مۇتەخەسسىس- ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125