ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، فۇكاڭ شەھىرى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9- ئاينىڭ 20- كۈنى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، فۇكاڭ شەھىرى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېلېكترولىزلانغان ئاليومىن، ئاليومىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 3- پەسىلدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى، بىڭجۈن شىنخۇڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، چىيا ئاليومىن ئېلېكتىرولىتى چەكلىك شىركىتى، شېنخو كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى، تيەنلۇڭ كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئىشلەپچىقىرىش سېخى، مەركىزىي كونترول ئۆيى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، كۆمۈر، ئاليومىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، تۈر يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى. ھەربىر كارخانىغا بارغاندا، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، نەق مەيداندا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پىلانلاپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ماس تۈرتكە بولدى. ما شىڭرۇي كارخانىلارنى بازار پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ زورىيىشقا ۋە كۈچىيىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىجىل تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى تېز يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىنى قوللىنىشنى تېزلىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دىققەتنى دۆلەت چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈردىن گاز ئېلىش قاتارلىق ئەۋزەل يۆنىلىشنى نىشانلاپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپە- تەلىپىگە توغرىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان ماتېرىياللار قاتارلىق يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن ئۇزارتىپ، كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ توپى ۋە نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىلغار يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم تىرەكلىك ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلىرىدە بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆمۈرنى يېشىل قېزىش ۋە پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات شەكلىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش، «قوش كاربون» نىشان- ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭى كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تاۋلاش كېرەك. ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى ۋە تەرەققىيات شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، بازار، سىياسەت، قانۇنچىللىق مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى شىنجاڭغا يۆتكىلىشكە، كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)