ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
كۈزنىڭ مەيىن شامىلى دانلىق زىرائەتلەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى تاراتماقتا. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مول ھوسۇل كۆزگە چېلىقىپ، ھەممە يەردە مول ھوسۇل ھېكايىلىرى بايان قىلىنماقتا.
شىنجاڭ تۇپرىقىدا تەدرىجىي كەڭ يېيىلغىنى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان غايەت زور مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمىدۇر. قىپقىزىل لازا، ئانار، سېرىق كۆممەقوناق، شال باشاقلىرى، مول ھوسۇل تۇپراققا سىزغان گۈزەل مەنزىرە، جۇشقۇنلۇققا تولغان ئىللىق رەڭ سىستېمىسى بولۇپ، بىر قاراپلا، جاپالىق ئەمگەكتىن كېيىنكى خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئالتۇن رەڭلىك مول ھوسۇل، تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا جاپالىق ئەجىر ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئەمگەكچان كىشىلەر توقۇغان مول ئارزۇ. بىر ئۈلۈش ئەجىر قىلسا، بىر ئۈلۈش ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. كۈزدىكى مول نەتىجىلەر، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىككە ياڭرىتىلغان ئالقىش، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەنتەنە. ئىككى قولى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىنى كۈتۈۋالغاندىلا، ۋاقىتقا يۈز كېلەلەيمىز. كۈزنىڭ ئاپتىپىدا، ئەمگەكچان خەلق يەنىلا ئېتىزدا ئۇياقتىن بۇياققا بېرىپ- كېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ چېھرىدە بالقىغان خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىك، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەختتىن ئىبارەت.
مول ھوسۇلنىڭ ئىللىق رەڭگى، يېزا- قىشلاقتىكى ئېتىز- دالىلاردا، شۇنداقلا شەھەرنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا مەۋج ئۇرماقتا. مول ھوسۇل ئېتىز باشلىرى بىلەن چىراغ يورۇغان تۈمەنلىگەن ئائىلىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر يىلدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايىنى بايان قىلدى.
9- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىسىنىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ چېڭنەن كوچىسى قارا ئۈجمە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭخۇا دەريا قىسقۇچپاقىسىنى سېتىشىپ بەرمەكتە. ھازىر قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل بولۇپ، قىسقۇچپاقا باققۇچى ئائىلىلەر قىسقۇچپاقا تۇتۇش، تۈرگە ئايرىش، بازارغا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ۋۇ لې فوتوسى
9- ئاينىڭ 20- كۈنى، پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانار ئۈزمەكتە. يېقىندا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق بازىرىدا ئۆستۈرۈلگەن 400 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئانار ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، بۇ بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئانارلارنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ، قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەم لەشتى. جەي رۇزېڭ فوتوسى
9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى لېيجياتاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى شالدىن ھوسۇل ئالدى. خۇاڭ جىنيۈەن فوتوسى
9- ئاينىڭ 19- كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى چاڭشېڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قولىدا ئاپئاق پاختىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
9- ئاينىڭ 12- كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى باغۋەنلەر باغ- ئورمان تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىدا ياڭاق توشۇماقتا. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
9- ئاينىڭ 18- كۈنى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرى شياخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لازىلارنى ئاپتاپقا سالماقتا. يېقىندا، بۇ بازار بۇ يىل تېرىغان لازىدىن مول ھوسۇل ئالدى، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ ئاپتاپقا سالدى، ئۆينىڭ ئالدى- كەينىدە قىپقىزىللىقا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. داۋۇت رىشات فوتوسى
9- ئاينىڭ 16- كۈنى، دېھقان كومبايىننى ھەيدەپ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نەسىللىك قوي فېرمىسى تەۋەلىكىدە كۆممىقوناق ئورىماقتا. خۇا يەنمىڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)