مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ قەشقەردە ئېچىلدى
ما شىڭرۇي، خۇەي جىنپېڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قەشقەردە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
يىغىندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيې جۇاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گولياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ يۇڭئەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ كۇڭجۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن، تارىم داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ئەيپىڭ، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ شياۋبىڭ، غۇلجا شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېخىمە ئاۋۇت، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جيەنجۈن ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى پىلانلىدى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان مائارىپ مىنىستىرلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىم قەشقەردە سۆھبەت يىغىنى ئېچىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. مائارىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشىمىز كېرەك. مائارىپ خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. قوللاش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مائارىپنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپقا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى مول نەتىجىلىك بولدى، ئاساسىي مائارىپ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، مائارىپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى بايان قىلغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا چۈشىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن مائارىپنىڭ رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دەۋر سوئالىغا بىرلىكتە ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە مائارىپ تاشقى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيەن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە شىنجاڭدىكى قىسمەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)