شوخلا- تۇخۇم قورۇمىسى، شوخلا ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان كالا پەش گۆشى، شوخلا بىلەن تەييارلانغان سوغۇق سەي... شوخلا ئاشخانىدا ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدۇ، قورۇما قورۇغاندا شوخلىنى ئېلىپلا توغراپ سېلىۋەتسەك، قورۇمىلارنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەگەر ئالدىراشچىلىقتا قورۇما قورۇشقا ۋاقىت بولمىسا، بىۋاسىتە خام يېسىمۇ بولىدۇ، ئاددىي، ئەپچىل، چۈچۈمەل، يېيىشلىك.
ئىستېمال قىلىشقا قولايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەندىن باشقا، بەزىلەر شوخلىدا ۋىتامىن C مول، كۆپ يېسە تېرىنى ئاقارتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەتتا توردا يەنە بەزىلەر «ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يېسىڭىز، تېرىڭىزنى يەتتە كۈندىلا ئاقارتىدۇ»، «شوخلا يەپ بەرسىڭىز، تېرىڭىز يازىچە ئاپئاق تۇرىدۇ» دېيىشتى. راست شۇنداقمۇ؟ شوخلا راستتىنلا شۇنداق ئاجايىپمۇ؟
ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يېسە، راستتىنلا تېرىنى ئاقارتامدۇ؟
جاۋابى سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. گەرچە شوخلىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يېسە تېرىنى ئاقارتقىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ئالدى بىلەن شوخلىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەت 100 گىرامدا 14 مىللىگىرام بولۇپ، بۇ مىقدارى بەسەينىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەس، پەقەت بەسەينىڭكى %37ىگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، ۋىتامىن C گەرچە تىروزىنازانىڭ ئاكتىپلىقىنى، تىروزىنانىڭ قارا پىگمېنتقا ئايلىنىشىنى تىزگىنلىسىمۇ، لېكىن، بۇ ئاساسلىقى سىرتتىن ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن Cنىڭمۇ تېرىنى ئاقارتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.
شۇڭا ياز پەسلىدە تېرىنى ئاقارتىش ئۈچۈن ئاساسلىقى ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك. شوخلىغا كەلسەك، يەنىلا يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەڭ ياخشىسى شوخلا قىيامى ياساپ، لىكوپېننىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. گەرچە ئۇنى يەپ تېرىنى ئاقارتىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تەتقىقاتلاردا ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا شوخلا قىيامى ئىستېمال قىلغاندا، ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، تېرىنى ئاسرايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە شوخلىنىڭ ۋىتامىن C مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسەك، بىزنى %14 ~ %28 ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەڭ قىممەتلىكى شوخلىنى بىۋاسىتە خام يېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، قورۇغاندا ۋىتامىن Cنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بازاردا ۋىتامىن C مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان شوخلا سورتلىرى بار، مەسىلەن، چۈنتاۋ شوىلىسىنىڭ ۋىتامىن C مىقدارى 100 گىرامدا 34.17 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. ۋىتامىن Cنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشى بىزنىڭ نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا تېرىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.
شۇڭا، كۈندە بىر تال شوخلا يېسىڭىز، سىزنىڭ تېرىڭىزنى ئاقارتالمىسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكىڭىزگە ئويلاپ باقمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بار.
بۇ شوخلىلارنى يېگىلى بولمايدۇ!
شوخلا يېيىشلىك، لېكىن قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ. بازاردىن مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق سېتىۋالغان شوخلىلاردىن ئەنسىرىمەڭ، پىشقاندا ئاندىن بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىز تېرىغان شوخلىلار ئەگەر تېخى قىزارمىغان بولسا يېمەڭ (يېشىل سورتلار بۇنىڭ سىرتىدا)، زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.
چۈنكى قىزارمىغان كۆك شوخلىنىڭ تەركىبىدە ئىت ئۈزۈمى ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، پىدىگەن ئىشقارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنداق تەركىب شوخلىنىڭ قىزىرىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر قىزارمىغان كۆك شوخلىنى يېسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)