9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئىككى قېتىم سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدۇ
13:09:44 2024-09-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 8 - 10 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن) مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەينى- كەينىدىن كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ سىجىل تەسىرىدە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 8 - 10 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدىكەن. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، ئۈششۈكتىن مۇداپىئەلىنىشكە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەرقى زورىيىدۇ، ئامما ۋاقتىدا كىيىمنى قېلىنراق كىيىپ، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

2024- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 20دىن 9- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 8گىچە بولغان شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. سۈرەتنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن  

 ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى كېچىدىن 28- كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان لىنىيەدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىكەن)؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10- 11 بالغا، ئۆتكۈنچى بوران 13 بالغا يېتىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 - 6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توپا توزۇيدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كۈندۈزدىن 30- كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن.

 ھۆل- يېغىنغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن. 9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 0 گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ باشقا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0 گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدە 9- ئاينىڭ 25- كۈنى كېچىدىن 27- كۈنى كېچىگىچە شەھەر رايونىدا توختاپ- توختاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايوندا ئوتتۇرھال يامغۇر يېغىپ قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايوندا يامغۇر يىغىپ، يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن)، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 18 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، 29- كۈنى سەھەردە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 3 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، كېيىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونىدا 2 سېلسىيە گىرادۇسقا، تاغلىق رايونلاردا نۆلدىن تۆۋەن 9 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 3 گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن.

 شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىن سانجى ئوبلاستىغىچە بولغان لىنىيەدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا يىغىندى ھۆل- يېغىن مىقدارى كۆپ بولىدۇ، كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش ھاۋارايى خەۋپ- خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ؛ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن ئاشىدىغان رايونلاردا يامغۇر يېغىپ قارغا ئۆزگىرىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ، قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى يوللارنى تېيىلغاق قىلىپ قويىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ ۋە كۆرۈش دەرىجىسى ناچارلىشىپ، ساياھەت ۋە قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە مايتاغ- كۇچا تاشيولى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: قار- يامغۇر يېغىش، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش ۋە قۇم بورانلىق ھاۋارايى كېۋەز غوزىسىنىڭ ئېچىلىشى ھەم يوپۇرماق تاشلىشى، پىشقان كۆممىقوناقلارنى ئاپتاپقا سېلىش، باغلاردا مېۋە ئۈزۈش، كۈزگى بۇغداي تېرىش، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كۈزلۈك يىغىم ۋە تېرىم خىزمىتىنى پايدىسىز ھاۋارايى كۆرۈلگەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قانات يايدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125