كىچىك بالىلار كۆپتۈرمە قەلئەدە ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ يارىلانسا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
16:45:38 2024-09-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

سوت نەق مەيدانى. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خاۋرەن

 كۆپتۈرمە قەلئەنى بالىلار ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بالىلار كۆپتۈرمە قەلئەدە ئويناۋاتقاندا يارىلانسا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق تىڭتىڭ تۆت ياشلىق ئوغلى لېلېنى دا فېي تىجارەت قىلىۋاتقان كۆپتۈرمە قەلئەگە ئويناتقىلى ئەكەلدى. لېلې ئويناۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى، دوختۇر يۇقىرى بىلەك سۆڭىكىنىڭ يۇقىرى قىسمى سۇنغان دەپ دىياگنوز قويدى، دوختۇرخانىدا يېتىپ يەتتە كۈن داۋالاندى، داۋالىنىش خىراجىتى 9000 يۈەندىن ئاشتى. تىڭتىڭ بىلەن دا فېينىڭ تۆلەم سوممىسىنى كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، تىڭتىڭ 7- ئاينىڭ 26- كۈنى دا فېينىڭ ئۈستىدىن كۈنەس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلار ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىدى: دا فېي پەقەت باغچىغا كىرىش لىنىيەسىنىڭ كۆرسەتمە سۈرىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە كۆپتۈرمە قەلئەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق ئىسپات يوق. ۋەقە يۈز بەرگەندە، تىڭتىڭ ئوغلىغا ھەمراھ بولمىغان، دا فېيمۇ تىڭتىڭنىڭ مەيدانغا كىرىپ ئوغلىغا قارىشىنى تەلەپ قىلمىغان، دا فېي بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان، مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېلې بەش ياشقا كىرمىگەچكە، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ئادەم ھېسابلىنىدۇ، تىڭتىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئۇنىڭمۇ خاتالىقىمۇ بار.

 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، سوت مەھكىمىسى تىڭتىڭنى %40 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، دا فېينى %60 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، دا فېينى تىڭتىڭنىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن جەمئىي 18 مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.

 سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ئاتا- ئانىلار ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بالىلىرىنى ئويناتقاندا، دىققىتىنى چاچماي، بىخەستەلىك قىلماي، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، خەتەرلىك قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىشى كېرەك.

 قانۇن ماددىسى ئۇلانمىسى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1198- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مېھمانخانا، سودا ساراي، بانكا، بېكەت- ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، تەنتەربىيە سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. (ماقالىدىكى شەخسلەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125