قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
بىرىنچى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە سىجىل ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئويۇن كۆرۈش تەسىراتى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر كۈن توختىتىلىدۇ (ئالاھىدە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، ئويۇن قويۇش توختىغان مەزگىلدە ئويۇن قويۇش كىيىمى، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارغا قارىتا دائىملىق تەكشۈرۈش، ئوڭشاش، ئاسراش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئارتىسلار نۆۋەت بىلەن دەم ئالىدۇ.
ئىككىنچى، 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، سائەت 00 :18دىكى ئويۇن قويۇش قېتىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، سائەت 30: 10دىكى ئويۇن قويۇش قېتىمى ساقلاپ قېلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىنىڭ ئويۇن قويۇش مەزگىلىدە تۈمەن يولىدا قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ. 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە قاتناشقا چەك قويۇلمايدۇ.
قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى
پايدىلانغان مەنبە: قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)