بۇ ئىككى كۈندە، جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى» دېيىلىدۇ)دىكى نۇرغۇن دوختۇر ئۆزلۈكىدىن 6 ياشلىق ئۇيغۇر قىزچاق ئىقبال (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۈچۈن «شۇيدى پۇل غەملەش» ئۇچۇرىنى تارقاتتى.
بۇ ئالتە ياشلىق قىزنىڭ ئىسمى ئىقبال بولۇپ، كۆزى يوغان، يۈزى يۇمىلاق، ئوماق شىنجاڭلىق قىز ئىدى.
ئەگەر ھەممە ئىشلار نورمال بولغان بولسا، ئىقبال بۇ يىل 9- ئايدا بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇغان بولاتتى.
بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىقبالنىڭ بەدىنى بىئارام بولۇپ، بىر نەرسە يېيەلمەي، تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى. ئاتا- ئانىسى ئۇنى شۇ جايدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىر قاتار تەكشۈرۈتۈشلەرنى قىلغۇزدى، دوختۇر يۈرىكىدە مەسىلە بار دەپ ھۆكۈم قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش تەكلىپىنى بەردى. كېيىن، ئىقبال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە 20 نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ يەنىلا ياخشىلانمىغانلىقىنى كۆرۈپ، دوختۇر بالىنى جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى ئويلىشىش تەكلىپىنى بەردى.
ھەممە تۇيۇقسىزلا يۈز بەردى. تۆت مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول، زور داۋالىنىش خىراجىتى، يەنە ھاياتىدىن ئۈمىد بار- يوقلۇقى نامەلۇم قىزى. بۇ بىر جۈپ ئاتا- ئانا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆيىدە قالغان 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى.
يېرىم يولدا ئىقبال تۇيۇقسىز قىزىپ، يۇقۇملانغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى ئەنخۇي ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. تۆت كېچە- كۈندۈز يول بېسىپ، ئىقبالنى ئېلىپ خاڭجوۋغا كەلگەندە، ئاتا- ئانىسىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلمۇ ھېچقانچە قالمىغانىدى.
ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان، بوي ئېگىزلىكى 115 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى ئون نەچچە كىلوگىرام كېلىدۇ.
ئىقبال ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەك مەنبەلىك شوك، يۈرەك زەئىپلىشىش، كېڭىيىش تىپىدىكى يۈرەك مۇسكۇلى كېسىلى، ئىككى قاناتلىق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىققا قوشۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدە تەتۈر ئېقىش، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەخىملىنىش، جىگەر ئىقتىدارى زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى.
ئۇ بەك ئوماق، شۇنداقلا ناھايىتى قەيسەر
تېببىي خادىملار كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزۇپ ياردەم بەردى
جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر ئولتۇراق رايون تۇرالغۇ بىناسىدا، «لىڭئەن كىچىك ئائىلىسى» بار بولۇپ، بۇنى جېجياڭ بالىلار دوختۇرخانىسى كوچا، مەھەللە قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، باشقا جايدا داۋالىنىۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان.
ئىقبالنىڭ ئاتا- ئانىسى دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە بۇ يەردە ۋاقىتلىق ھەقسىز تۇرىدىغان بولدى.
قىزى ICU كېسەلخانىسىدا بولغاچقا يوقلىغىلى بولمايتتى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى ئۆيدە تىت- تىت بولۇپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدا بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئىككىيلەن، يەر تېرىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.
«بۇ مەن بۇ يىل ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن يېڭى كىيىم، ئاياغ. ئۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.» ئىقبالنىڭ دادىسى ئەرشىم ئوسمان يان تېلېفون ئېكرانىنى بىر- بىرلەپ سېيرىپ سۆزلەۋاتاتتى، چىرايىدا قىزىغا بولغان ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقى ئەكس ئېتەتتى، يان تېلېفوننى سېيرىۋاتقان بارماقلىرى ئاخىرىدا ئىقبالنىڭ بىر پارچە يېقىن چۈشكەن سۈرىتىگە كەلگەندە توختاپ قالدى − سۈرەتتە ئىقبال قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۈستۈنكى رەتتىكى ئوتتۇرا چىشى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
«ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرسىمۇ ئاغرىدى دەپ ۋارقىرىمايدۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەندە، ئۇ يەنە ھەدە مەن ئازراقمۇ قورقمايمەن دەيدۇ.» «ئۇ كېيىن كۆپ يۈز نومۇر ئالىمەن دەيدۇ.» ئىقبالنىڭ ئاپىسى كۆز يېشىنى توختىتالماي قالدى.
سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈلۈپ بولدى
خەتەردىن تېخى قۇتۇلمىدى
كېيىن يەنە بىر قەدەر كۆپ بولغان داۋالىنىش خىراجىتى كەمچىل
ئىقبالنىڭ ئەھۋالى ھازىر قانداق؟
«ئېلىپ كېلىنگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، كېڭىيىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئاغرىق ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ECMO تاقىدۇق، بۇ يۈرەك- ئۆپكىنى قوللايدىغان ئەسۋاب»، دېدى جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى بالىلار خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلىرىنى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى فەن جياجيې.
جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، يۈرەك مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور شۇ چياڭ ئۆزى باش بولۇپ، كوللېكتىپىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقبالغا سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. بالىنىڭ يېشى كىچىك، يۈرەك زەئىپلىشىش دەرىجىسى ئېغىر بولغاچقا، ئۇ كۈنى، ئوپېراتسىيەخانىدا بىر كېچە ئالدىراش ئىشلىدى، ئارىلىقتا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىقبالدىن قان سىرغىپ چىقىپ كېتىپ، سەھەر سائەت تۆتتىن ئاشقاندا ئاندىن ئەھۋالى ۋاقتىنچە تۇراقلاشتى.
بىر ھەپتىلىك داۋالاش ئۆتۈپ كەتتى، ئىقبالنىڭ ئەھۋالى سەل ياخشىلاندى، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى سەھەردىلا نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئېلىۋېتىلدى، لېكىن خەتەرلىك باسقۇچتىن تېخى قۇتۇلمىدى. «بۇ بالا ۋە ئاتا- ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنىلا بىر مەيدان ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تىركىشىش جېڭى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتە يەنىلا يۈرەك كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن»، دېدى فەن جياجيې.
بۇ، يەنە ئىقبالنى داۋالاشقا يەنە نۇرغۇن خىراجەت كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«دوختۇرخانىمىزدىكى خىزمەتداشلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دوستلار چەمبىرىكىدە كۈچ ئۇلاپ، ھازىر ئىشلىتىدىغان تېخنىكىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ، ئىقبالنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋالاۋاتىمىز. بىزمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ بالىغا ياردەم بېرىشىنى چاقىرىق قىلىمىز»، دېدى فەن جياجيې. (خاڭجوۋ گېزىتى، چيەنجياڭ كەچلىك گېزىتى، چاۋ خەۋەرلىرىدىن بىرىكتۈرۈلدى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)