مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
19:55:56 2024-09-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى 

يېڭى دەۋردە مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي، خۇەي جىنپېڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن قەشقەردە ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، مائارىپتا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، سىياسەت- تەدبىر جەھەتتە مايىل بولۇپ، ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ دەل جايىدا ياردەم بېرىپ- يۆلەپ، رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش مۇقەررەر ھالدا مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىدا، مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي، ياخشى تۈزۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. دىققەتنى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللىشىپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىمىز. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، سالماقنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن باشتىن- ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون، مىنىستىرلىق بىلەن بىڭتۇەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى ئورتاق تونۇشنى چۆرىدەپ، ئورتاق سوئالغا بىرلىكتە جاۋاب بېرىپ، زور ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش خەرىتىسى، ۋەزىپىنامە قىلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىلەن بىرلىكتە مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون، مىنىستىرلىق بىلەن بىڭتۇەننىڭ كېڭىشىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا قاراپ ئورتاق پۇختا قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكتىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىدە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇسنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ مائارىپىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو مائارىپىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيەن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125