ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر شى ۋېنيۈ
پوچتىدىن نەرسە ئەۋەتكەندە، خېرىدار بىلەن تېز يوللانما شىركىتى جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىسا چوقۇم جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەكمۇ؟ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن! يېقىندا، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر قېتىملىق بىر دېلونى بېجىردى.
ياڭ ╳ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا تىجارەت قىلاتتى. بۇ يىل 5- ئايدا، ئۇ ئورقۇ رايونىدىكى مەلۇم سودا سارىيىدىن ئىككى تېلېۋىزور سېتىۋالدى، ھەر بىرىنىڭ باھاسى 6999 يۈەن. كېيىن كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن ياڭ ╳ ئىككى تېلېۋىزورنى بېيجىڭ، ئەنخۇيغا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
ئۇ مەلۇم تېز يوللانما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بىلەن ۋېيشىندا كېڭىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغان، كېيىن ياڭ ╳ توشۇش ھەققى ھەم ئوراش ھەققى بولۇپ جەمئىي 2050 يۈەن تۆلىگەن.
ئويلىمىغان يەردىن ئىككى تېلېۋىزورنى تېز يوللانما شىركىتى قايتىدىن ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن، ئىككىسىنىلا ئەنخۇي ئۆلكىسىگە خاتا ئاپىرىپ قويغان. ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغۇچى تېز يوللانمىنى ئاچقاندا بىر تېلېۋىزورنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ياڭ ╳ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن تېز يوللانما شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن، تېز يوللانما شىركىتى تېلېۋىزورنى قايتىدىن بېيجىڭغا توشۇغان. بېيجىڭدىكى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغۇچى تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندا تېلېۋىزورنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ياڭ ╳ تېز يوللانما شىركىتىنى ئورقۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، تېز يوللانما شىركىتىدىن بۇ تېلېۋىزورنىڭ ئىش چىققان ۋاقىتتىكى بازار باھاسى بويىچە 5399 يۈەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لېكىن تېز يوللانما شىركىتى ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولدى: تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئۆلچەملىك كېلىشىمىگە ئاساسەن، «تاپشۇرۇۋېلىش جەريانىدا نىمكەش ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ ئومۇمىي تاشقى كۆرۈنۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولمايدۇ، تېز يوللانما يېتىپ كەلگەن ھەم سىرتقى ئورالمىسى زىيانغا ئۇچرىمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، نىمكەش ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتتا سىرتقى يۈز ئىزى، سوقۇلۇپ كېتىش، ئىقتىدارى بۇزۇلۇش ياكى ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، مەلۇم تېز يوللانمىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى بولمايدۇ».
«بۇ جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، شىركىتىمىز پەقەت 2000 يۈەن تۆلەم بېرىدۇ» تېز يوللانما شىركىتى تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئۆلچەملىك كېلىشىمى بويىچە تۆلەم تۆلەشتە چىڭ تۇردى.
بۇ يىل 9- ئايدا، ئورقۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: دەۋاگەر ياڭ ╳ مەلۇم تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە تېلېۋىزورنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، ئىككى تەرەپ ئەمەلىيەتتىكى توشۇش توختامى شەكىللەندۈرگەن، بۇ توختام قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە، ئىككى تەرەپ توختام بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
مەلۇم تېز يوللانما شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان «جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» توغرىسىدا، سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: پەقەت توشۇغۇچى مالنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىيالىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، توشۇغۇچى جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى بارلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە بۇ پاكىتلار بىلەن مالنىڭ يوقاپ كېتىشى، بۇزۇلۇپ كېتىشى ئارىسىدا سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، پەقەت ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى بارلىققا كېلىدۇ.
بۇ دېلودا ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، تېلېۋىزور ئورالمىسى توشۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم ئېچىلغان. تېز يوللانما شىركىتى بۇ پاكىتلارنىڭ مالنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. يەنى تېز يوللانما شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا، جاۋابكار مەلۇم تېز يوللانما شىركىتى دەۋاگەر ياڭ ╳ توشۇشقا ھاۋالە قىلغان مالنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە قارىتا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 832- ماددىسىدا: توشۇش جەريانىدا مال بۇزۇلۇپ كەتسە، يوقاپ كەتسە، توشۇغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
سوت مەھكىمىسى: ياڭ ╳نىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللاپ، مەلۇم تېز يوللانما شىركىتىنى بازار باھاسى بويىچە 5399 يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)