شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جىخېڭ، جاڭ يۈ) 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېما تەشۋىقاتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىش» بويىچە مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا قوزغىتىلدى. مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى، ساھە تاراتقۇلىرىدىن 200گە يېقىن مۇھەررىر، مۇخبىر شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېز ئالغا سىلجىتقانلىقىغا ئائىت جانلىق ھېكايىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، پۈتۈن تاراتقۇلۇق ياخشى سۆزلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى باش تېما تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلارنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گۇاڭشى، شىزاڭ، شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىلار، نەتىجىلەرنى تولۇق تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتىدە، زىيارەت ئۆمىكى تۆت لىنىيەگە بۆلۈنۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشتىكى يېپيېڭى ۋەزىيەتنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان جانلىق مەنزىرىنى سۈرەتلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.