9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ، ئالدىن سۇ ساقلىۋېلىڭ!
16:30:14 2024-09-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

9- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى سۇچىلىق سېلىنما تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭى شەھەر رايون)نىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 10:00دىن 9- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 10:00غىچە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ داشۆ يولى، شىمىگۇ رايونىنىڭ گۇەنيۈەن يولى بويى ھەمدە خېماچۈەن بۆلەك رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سۈيى بۇ تەسىرگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن توختايدىكەن.

قۇرۇلۇش قىلىشتىن بۇرۇن، لىنىيە بويىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىدىكى قالدۇق سۇ مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىلىپ، قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىگە سۇ قاچىلانغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى سۇ بېسىمى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدىكەن. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىر كۈن بۇرۇن ئۆيىدە سۇ ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىنى سورايمىز. ئەگەر ھاۋا رايى ئۆزگەرسە ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، قۇرۇلۇش قىلىش، سۇ توختىتىش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەگەر ئالاقىدار تەپسىلاتنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى سۇچىلىق سېلىنما تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 24 سائەتلىك خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى: 2648888 -0991 غا تېلېفون بېرىڭ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125