موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ 3- تۈر ئىمتىھانىنىڭ مەشىق يولىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولىدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىق قىلىش لىنىيەسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەشىق پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يولنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىق قىلىش لىنىيەسى، ۋاقتى ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى:
بىرىنچى، 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىق قىلىش لىنىيەسى بەلگىلەندى:
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىي يول ئەھۋالى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىق قىلىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرىنى مەشىق قىلىش لىنىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى:
1. تىيانشان رايونى
ئۇلانباي مائارىپ مەركىزى قورۇسى ئىچىدە: 1- ئايلانمىدىن 6- ئايلانمىغىچە
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: كۈندۈزى پۈتۈن كۈن
2. سايباغ رايونى
ۋۇتۇڭ يولى (شىسەن تاشيولى − مودەن كوچىسى)، مۇدەن كوچىسى، جىنكۈي كوچىسى، شۈيشەن كوچىسى، ۋېنگۈەن يولى
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: كۈندۈزى پۈتۈن كۈن
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
ۋۇتۇڭ يولى (شىسەن تاشيولى- مۇدەن كوچىسى) 1380 مېتىر
مۇدەن كوچىسى 1820 مېتىر
جىنكۈي كوچىسى 930 مېتىر
شۈيشەن كوچىسى 490 مېتىر
ۋېنگۈەن يولى 350 مېتىر
3. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)
ۋېيئېر يولى (ئەنچىڭ جەنۇبىي يولى − كاڭئەن يولى)، كاڭنىڭ يولى (ئەنبېي 2- كوچىسى − تىڭيۈەن شىمالىي يولى)
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: سائەت 21:30 − 08:00
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
ۋېيئېر يولى (جەنۇبىي ئەنچىڭ يولى − كاڭئەن يولى) 1250 مېتىر
كاڭنىڭ يولى (شىمالىي ئەنبېي 2- كوچىسى − شىمالىي تىڭيۈەن يولى) 900 مېتىر
4. شىمىگۇ رايونى
لۇڭچېڭ كوچىسى، چيۇشى يولى
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: سائەت 21:30 − 08:00
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
لۇڭچېڭ كوچىسى 2800 مېتىر
چيۇشى شىمالىي يولى 2200 مېتىر
5. مىدۇڭ رايونى
جىڭشۈي يولى (ۋېيسەن يولى − گۇمۇدى غەربىي يولى)، زىتېڭ يولى (جىڭشۈي يولى − چىڭياڭ يولى)، چىڭياڭ يولى (گۇمۇدى غەربىي يولىنىڭ شىمالى)
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: سائەت 21:30 − 08:00
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
جىڭشۈي يولى (ۋېيسەن يولى − غەربىي گۇمۇدى يولى) 1000 مېتىر
زىتېڭ يولى (جىڭشۈي يولى − چىڭياڭ يولى) 500 مېتىر
چىڭياڭ يولى ( گۇمۇدى غەربىي يولىنىڭ شىمالى) 700 مېتىر
6. ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)
(1) يىمېڭشەن كوچىسى (جىنخۇ يولى − رۇڭخې جەنۇبىي يولى)، رۇڭخې جەنۇبىي يولى (يىمېڭشەن كوچىسى − لۈلياڭشەن كوچىسى)
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى:
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00− 09:00 غىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىش
چۈشتىن كېيىن سائەت 20:30 − 18:00غىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىش
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
يىمېڭشەن كوچىسى (جىنخۇ يولى − رۇڭخې جەنۇبىي يولى) 1000 مېتىر
رۇڭخې جەنۇبىي يولى (يىمېڭشەن كوچىسى − لۈلياڭشەن كوچىسى) 400 مېتىر
(2) جىنلىڭ غەربىي 3- يولى (ۋەنشېڭ چوڭ كوچىسى − جېڭۋېي چوڭ يولى)، جېڭۋېي چوڭ يولى (جىنلىڭ غەربىي 3-يولى − جىنلىڭ غەربىي 2- يولى)
مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى: سائەت 21:30 − 08:00
يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى:
جىنلىڭ غەربىي 3- يولى (ۋەنشېڭ چوڭ كوچىسى − جېڭۋېي چوڭ يولى) 1350 مېتىر
جېڭۋېي چوڭ يولى (جىنلىڭ غەربىي 3- يولى − غەربىي جىنلىڭ 2- يولى) 800 مېتىر
ئىككىنچى، قانۇنىي جاۋابكارلىق
1. شوپۇرلۇق ئىمتىھانى كۇرسانتلىرى 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىقى قىلغاندا، ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى، مەشىق ئاپتوموبىلى ياكى ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش مەخسۇس بەلگىسى يېزىلغان ئۆزى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىشى (ئۆزى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلدا ئاپتوموبىل بىلەن بىللە ماڭىدىغان يېتەكچى خادىمدىن باشقا خادىملارنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ)، تىرېنېر ياكى ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش مەخسۇس بەلگىسى بار يېتەكچى خادىم ئاپتوموبىل بىلەن بىللە مېڭىپ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، بەلگىلەنگەن يول لىنىيەسى، ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
2. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشتە، مەشىق ئاپتوموبىلى ئىشلىتىپ، بەلگىلەنگەن يول، ۋاقىت بويىچە ھەم تىرېنېرنىڭ ئاپتوموبىلدا يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك. تىرېنېرلار تىرېنېرلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى، تەربىيەلەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەشىق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
3. بەلگىلەنگەن يول، ۋاقىتتا 3- تۈر ئىمتىھانىدىكى يولدا ھەيدەش ماھارىتى مەشىقى قىلغاندا، قاتناش قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقىدىكى كۆرسەتمە بويىچە يول يۈرۈشى، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
4. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ياكى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار مەۋجۇت بولسا، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ جازا بېرىدۇ.
ئالاھىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى
پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)