توردا تېرىقچىلىق قىلىپ، كالا بېقىپ بېيىپ كەتكىلى بولامدۇ؟ بۇ تۇزاقلارغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ
17:37:39 2024-09-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم قانۇنسىز كارخانىلار ۋە شەخسلەر «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئالاقە تورى، تېلېفون تەشۋىقاتى، ئوپچە تاماق يېيىش، ساياھەت قىلىش ۋە باقمىچىلىق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساختا تەشۋىقات قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى توردا تېرىقچىلىق قىلىش، قوي- كالا بېقىشقا ئازدۇرۇپ، يۇقىرى پايدا ئالالايسىلەر، دەپ ۋەدە بېرىپ، قەرەلى توشقاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى.

يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ساھەسىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش خەۋپ- خەتىرى كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى. «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى»نىڭ كەينىگە قانداق خەۋپ- خەتەرلەر يوشۇرۇنغان؟ مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنداق ئالدامچىلىقنى قانداق تونۇپ يېتىشى كېرەك؟

«پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولغان مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش پائالىيىتى» قىلىپ پەردازلانغان

«بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى»گە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش تۇزىقى يوشۇرۇنغان

دۆلىتىمىز ئالاقە تورى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى جايلاردا «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «ۋاكالىتەن باقمىچىلىق»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى»، «بۇلۇت كۆكتات تېرىش» قاتارلىق «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ئۇسۇللىرى بارلىققا كېلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار توردا تېرىقچىلىق قىلىش، كالا- قوي بېقىش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ، دېيىلدى، سۇپا خىزمەتچى خادىملىرى توردا تېرىقچىلىق قىلىش، كالا بېقىش، قوي بېقىشقا مەسئۇل بولىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىنىپ، قوي- كالىلار قوتاندىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە پۇل تاپالايدۇ.

يېقىنقى مەزگىلدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى داچىڭ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بايقىدى، داچىڭ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە «بۇلۇت باقمىچىلىقى»غا ئائىت تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

داچىڭ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن جىڭجىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بىر خانىم دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كۈنجۈت چارۋىچىلىق مەيدانى تۈرىگە قاتناشقان، بۇ تۈر ھەر كۈنى پايدا تەقسىملەش، يىل ئاخىرىدا قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش قاتارلىق يۇقىرى سوممىلىق پايدا قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلارنى «بۇلۇت باقمىچىلىقى» كەسپىگە كىرىشكە ئازدۇرغان ھەم خېرىدارلارنى كۆپ قاتلامغا بۆلۈپ، ئادەم تارتىپ پايدا قايتۇرۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنى ئادەم كۆپەيتىپ، توردا كالا، قوي بېقىش تۈرىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. بۇ ئىشىكتىن كىرىش ھەققى تاپشۇرىدىغان، ئادەم تارتىدىغان، كوللېكتىپ ھەق ھېسابلايدىغان تىپىك شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى.

نۆۋەتتە بۇ Appنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمىدى، مەبلەغ توڭلىتىلدى، ئالاقىدار كارخانىلارمۇ شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە بىر بوۋاي تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «بۇلۇت باقمىچىلىق توپى»غا كىرگەن، توپتىكى مۇئەللىم بوۋاينىڭ قەرز خاتىرىلەش كارتىسى بېجىرىشىنى ھەم بىر قىسىم ئىش باشلاش مەبلىغىنى يۆتكەپ مەبلەغ سېلىشىنى تەلەپ قىلغان. بوۋاي بانكىدا ھېسابات يۆتكەش كەسپىنى بېجىرىۋاتقاندا، بانكا خىزمەتچىلىرى ئۇنى توسۇپ قالغان ھەم 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، كېيىن بۇنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ساھەسىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش خەۋپ- خەتىرى كۆرسەتمىسىدە، «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ياكى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىش ياكى باشقا مەبلەغ سېلىش پايدىسى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، مۇئەييەن بولمىغان ئوبيېكتتىن مەبلەغ ئېلىش قىلمىشلىرى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

گۇاڭجوۋدىكى بىر پۇل مۇئامىلە پەن- تېخنىكا ئاپپاراتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ليۇ xxنىڭ قارىشىچە، بەزى «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ئەندىزىسى تاۋار سودىسىنىڭ ماھىيىتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يۇقىرى پايدىنىڭ كەينىگە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش تۇزىقى يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنكەن.

ليۇ xx: نەچچە ئون يۈەن مەبلەغ سالسا، بىر- ئىككى ئايدىن كېيىن ھەقىقەتەن ياخشى پايدا ئېلىشى مۇمكىن. شىركەت بۇنداق تۆۋەن ئۆلچەم ئۇسۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قاتناشتۇرۇپ، پايدىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا جەلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ئالاقە تورىلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، App ياكى كىچىك پىروگرامما ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدۇ، قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە.

مەبلەغ سالغۇچىلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈشى، يۈكسەك ھوشيار بولۇشى كېرەك

«بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى»نىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، «بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى» ساھەسىدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشتا مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپ، تارقىلىشى كەڭ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قىيىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىك مەۋجۇت، «ئەسلى- ۋەسلىدىن بىراقلا قۇرۇق قېلىش» خەتىرى ئىنتايىن چوڭ، بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قانۇن ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە باشقۇرۇش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جىڭۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» قاتارلىق ئەندىزىلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بازىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۆزى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇرىدۇ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئاشكارا بولماسلىق ھالىتى جىنايەتچىلەرنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە راست- يالغانلىقىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.

جاۋ جىڭۋۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» قاتارلىق تۈرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە ئەسكەرتتى:

مەبلەغ سالغۇچىلار «پايدا» بىلەن «مەبلەغ سېلىش» نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن باھالاپ، «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پايدا ۋەدىسى»دىن ھوشيار بولۇشى كېرەك، قانداقلا بولسۇن، ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ- دە؛

مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە تور سىرتىدا باقمىچىلىق بازىسىنىڭ بار-يوقلۇقى، باقمىچىلىق مالىيە ئەھۋالىنى قەرەللىك ئاشكارىلاش- ئاشكارىلىماسلىق قاتارلىق ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ پەرقلەندۈرسە بولىدۇ، بىر قىسىم قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغۇچىلار باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى تارتىلغان سىن، سۈرەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى «باقمىچىلىق بازىسى باركەن» دېگەن خاتا تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن؛

مۇنتىزىم «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» قاتارلىق ئاپپاراتلار مالىيە ئەھۋالى، تىجارەت ئەھۋالىنى قەرەللىك ئاشكارىلايدۇ، قانۇنسىز ئاپپاراتلار «مالىيە خادىملىرى چەكلىك، مالىيە ئىشلىرىنى ئېلان قىلىش ئەھۋالىنى كەينىگە سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەندەك ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كونكرېت مالىيە ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر: ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ماسلىشىپ نازارەت قىلىشى- باشقۇرۇشى، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك

«بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى»نىڭ ۋاكۇئۇم ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش

«بۇلۇت باقمىچىلىق ئىگىلىكى»نىڭ ۋاكۇئۇم ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ جاۋ جىڭۋۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ماسلىشىپ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنلۇق يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن نىقابلىنىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك:

نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان تور سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرنىڭ چىنلىقى، ئىشەنچلىكلىكىنى ئىشتىن بۇرۇن زۆرۈر تەكشۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ پايدا قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى، چارلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، يەرلىك ئاساسىي قاتلام نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تور سىرتىدىكى سورۇنلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ؛

نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بۇ تۈردىكى جىنايى ھەرىكەتلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خەۋپ- خەتەر ئەسكەرتمىسى ۋە ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى قىلىپ، پۇقرالارنى نامۇۋاپىق پائالىيەتلەرگە ئىشەنمەسلىككە، ئاقىلانە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك؛

نۇقتىلىق ھالدا ياشانغانلار قاتارلىق ئاجىز توپقا قارىتا، ئۇلارنى بۇنداق «بۇلۇت باقمىچىلىقى»، «بۇلۇت تېرىقچىلىقى» تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغاندا، يېقىن تۇغقانلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىن كۆپرەك سۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. 

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125