كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئوڭايلا زەرەتلەنمە توك پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۈز كىرگەندىن كېيىن ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم بىر مۇھىم نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ زەرەتلەنمە توك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك بىلىملەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
زەرەتلەنمە توكنىڭ زىيىنى
1. پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتى زەرەتلەنمە توك ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر. زەرەتلەنمە توكنىڭ ئېنېرگىيە مىقدارى گەرچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ توك بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئوڭايلا زەرەت قويۇپ بېرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. زەرەتلىك جىسىم بىلەن زەرەتلەنمەيدىغان ياكى زەرەتلەنمە توك بىرلىكى تۆۋەن جىسىم ئۆزئارا يېقىنلاشقاندا، ئەگەر ئېلېكتىر پوتېنسىيالى پەرقى 300Vدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇچقۇنلۇق زەرەت پەيدا بولىدۇ.
زەرەتلەنمە توك زەرەت قويۇپ بەرگەن ئۇچقۇن ئېنېرگىيەسى، ئەگەر ئەتراپتىكى يېنىشچان ماددىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئوت ئېلىش ئېنېرگىيەسىگە يەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىشچان ماددىلارنىڭ ھاۋادىكى قويۇقلۇقى پارتلاش چېكىگە يەتسە، دەرھال ئوت ئالىدۇ ياكى پارتلايدۇ.
2. زەرەتلەنمە توك سوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى
زەرەتلەنمە توك سوقۇش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بېرىدۇ، ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەن توك ئېقىمى پەيتلىك سوقۇلغان توك ئېقىمى بولۇپ، ئۇنىڭ زىيىنى ئاساسلىقى بىۋاسىتە زەخىملىنىش، ئىككىلەمچى زەخىملىنىش، روھىي جىددىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىنى توك سوققاندا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىپ، خاتا مەشغۇلات قىلىش، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىش، يىقىلىپ يارىلىنىش ياكى مەشغۇلات قىلىۋاتقان ماشىنىغا تېگىپ كېتىپ يارىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
3. زەرەتلەنمە توكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى قاتارلىقلارغا بولغان زىيىنى
زەرەتلەنمە توك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئۇۋاق جىسىملارنىڭ چۆكۈشى، تۇرۇبا يولى، غەلۋىر تۆشۈكى قاتارلىقلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن توشۇپ يەتكۈزۈش راۋان بولماي، سىستېمىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئادەتتىن تاشقىرى بېسىم شەكىللىنىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سولياۋ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساقلاش، توشۇش جەريانىدا، زەرەتلەنمە توك قويۇپ بەرگەن زەرەت مەھسۇلاتلارنىڭ ئېرىپ كېتىشى، چاپلىشىپ قېلىشى، رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىشى، ھەتتا پارچىلىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشى، كاردىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەرەتلەنمە توك قويۇپ بەرگەن زەرەت ئېنېرگىيەسى كومپيۇتېر، ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش ئەسۋابى، بىخەتەرلىك كونترول قىلىش سىستېمىسىدىكى كىرېمنىي دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن ھادىسە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرغان جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)