بەلكىم ھەر بىر كىشى بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ چېگرانى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىسا، چوڭقۇر تەسىرلىنىشى مۇمكىن. پامىر ئېگىزلىكىدە، بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد 70 نەچچە يىل چېگرانى قوغداپ، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا چېرانى قوغداش قوشۇنىغا يول باشلىدى. 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، بايەكە كەلدىبېكنىڭ ئوغلى لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 41 ياشتا ئىدى. شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى سارىيىدا مەن لاچىننىڭ دادىسى بايەكە كەلدىبېك بوۋاينى كۆردۈم. بوۋاي 70 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، جەمەتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىسى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۇنىڭغا «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى. ئوغلى ھايات ۋاقىتتىكى ھېكايىلەرنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى: كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، دۆلەتنىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ كالا- قويلىرىمىز بولسۇن؟ ئۇ مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چېگرانى قوغداپ، بىللە پاراڭلاشقان كۈنلەر ئېسىمدە. مەن ئوغلۇمدىن پەخىرلىنىمەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)